ئۇيغۇر يېزىلىرىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «4 خىل پىشقەدەملەرگە ئېتىبار بېرىش»سىياسىتى ھەققىدىكى ئىنكاسلار

يېقىندا ئۇيغۇربىز تور بېكىتىدە دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان«يېزىلاردىكى 4 خىل پىشقەدەملەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى»نى ئىجرا قىلىشتىكى تۈرلۈك سىياسىي شەرتلەر ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.01.11
tot-xil-pishqedim-305.png يېڭىسار ناھىيىسىدە مۇكاپاتلىنىۋاتقان 4 خىل پىشقەدەملەر
radioxj public broadcasting station


چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلار بۇ شەرتلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ خىل بەلگىلىمىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۆزلىرى ئېرىشمەكچى بولغان مەڭگۈلۈك ئەمىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېلىنىۋاتقان تەدبىرلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. تۆۋەندە دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىدا بولسۇن.

ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 2010 - يىلى 1 - ئىيۇلدىن باشلاپ، جايلاردىكى دەم ئېلىشقا چىققان سىياسىي جەھەتتىن ئىشەنچلىك دەپ قارالغان يېزا كادىرلىرىغا «4 خىل پىشقەدەملەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى» نامىدا ھەر ئايدا تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىشنى قارار قىلغان. ئۇيغۇر بىز توردىكى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يولغا قويغان بۇ بەلگىلىمىدە تىلغا ئېلىنغان تۆت خىل پىشقەدەملەر يېشى 60 تىن ھالقىغان پىشقەدەم كادىرلار، پىشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پىشقەدەم نەمۇنىچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تۆت خىل پىشقەدەملەر سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەرگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا پىشقەدەم كادىرلار ئۈچۈن ئېيىغا 230 سوم خەلق پۇلى،پىشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە پىشقەدەم ئەسكەرلەرگە 210 سوم خەلق پۇلى، نەمۇنىچىلەرگە 260 سوم خەلق پۇلى ياردەم بېرىلىدىغانلىقى ئىزاھلانغان.

بىز ئۇيغۇر بىز تورى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدىن«يېزىلاردىكى تۆت خىل پىشقەدەملەرنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى»دىكى كونكرېت مەزمۇنلارنى ئىگىلىدۇق. 2012 - يىلى 18 - ئۆكتەبىر كۈنى قەشقەر يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان 13 ماددىلىق بەلگىلىمىدە «تۆت خىل پىشقەدەملەر ياردەم پۇلى»غا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا قويۇلىدىغان بىر قاتار سىياسىي شەرتلەر بايان قىلىنغان. بۇ شەرتلەردە ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن ئىشەنچلىك بولۇش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىش،مىللى بۆلگۈنچىلىككە، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قەتئىيلىك بىلەن قارشى تۇرۇش روھى بولۇش، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەردە بايرىقى روشەن، مەيدانى ئېنىق بولۇش، پارتىيە ئىنتىزامىغا بويسۇنۇش، تارقىلىپ يۈرگەن ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىك، كومپارتىيىنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، دۆلەت قانۇنىغا بويسۇنۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەرنى قوللىماسلىق قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنىپ، بۇ 13 ماددىلىق نىزامنىڭ ھەرقانداق بىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ «تۆت خىل پىشقەدەملەر ياردەم پۇلى»دىن بەھرىمەن بولالمايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

چەتئەللەردىكى سىياسى ئانالىزچىلاردىن «شەپە ژۇرنىلى»نىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان«تۆت خىل پىشقەدەملەرگە ئېتىبار بېرىش» سىياسىتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىگىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسى تەدبىرلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى مۇنداق دېدى:

«خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان 60 ياشتىن ھالقىغان مويسىپىتلار بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقان ئايلىق ياردەم پۇلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى تەرىپىدىن «تۆت خىل پىشقەدەملەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىكى بەلگىلىمىلەر» دەپ ئۆزگەرتىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سىياسىيلاشتۇرۇۋېتىلگەن. بۇ ئەھۋال دائىرىلەرنىڭ بارلىق ئامال - چارىلەرنى يولغا قويۇپ، رايوننىڭ تىنچ - مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، رايوندا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان نارازىلىق ھەم قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىنغان يەنە بىر تەدبىر دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇ رايوندىكى مۇقىملىق مەسىلىسى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئەڭ قاتۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان بايلىق مەنبەلىرىنى توختاۋسىز ئېچىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەرلىك خەلق يۈزلىنىۋاتقان ئىشسىزلىق، نامراتلىق مەسىلىسى يەرلىك خەلقنى نارازى قىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. شۇڭا دائىرىلەر نامراتلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتى، پىشقەدەملەرگە ياردەم بېرىش سىياسىتى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يەنە ياشانغانلار ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئەشۇ ئازغىنە ياردەم پۇلىدىمۇ تۈرلۈك سىياسىي شەرتلەرنى قويۇپ،رايوندىكى خەلقنى تىنالماس ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويماقتا.»

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ،ئاتالمىش تۆت خىل پىشقەدەملەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىكى سىياسىي شەرتلەرنىڭ دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشتىكى يەنە بىر ۋاستە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۆتكەن يىلى دائىرىلەر ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى نامراتلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىدا دېھقانلاردىن شۇ ئائىلىدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلار بولماسلىق، دىنىي تۈس ئالغان كىيىم - كېچەكلەرنى كىيمەسلىك قاتارلىق تۈرلۈك سىياسى شەرتلەرگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى ھۆججەت ۋە ئىسپاتلار ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋال تور بېكەتلىرىدە مۇنازىرە قوزغاپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.