ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا 5- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى خاتىرىلەندى
2008.02.05

1997- يىلى 5- فېۋرال كۈنى، مىڭلىغان غۇلجا ياشلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئادالەتسىز سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ تىنچ يوسۇندا نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى. ئەمما، مەزكۇر تىنچلىق نامايىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىق ئىشلىتىپ باستۇرۇشى بىلەن خاتىمىلىنىپ، تىنچلىق بىلەن زوراۋانلىقنىڭ روشەن سېلىشتۇرمىسىنى ھاسىل قىلغان بولسا، ئەركىنلىككە ئىنتىلگۈچى بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسىنىڭ نامايەندىسى ھەمدە 20- ئەسىر جۈملىدىن 2- ئېرانىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زوراۋان كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان بىر قەدەر زور كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكىتى سۈپىتىدە تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالدى.
بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە، غۇلجىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىش بىر نەچچە سائەت داۋامىدا زوراۋانلىق بىلەن جىمىقتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر نامايىشنىڭ ئاۋازى ھەر خىل يوللار بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن، بۇ نامايىشتا قەتلى قىلىنغان قورقۇمسىز ياشلارنىڭ ئىرادىسى ۋە جان تالىشىۋاتقان دەقىقىلەردىكى ئاخىرقى نىدالىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاۋازى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زىلزىلە پەيدا قىلغان.
مانا بۈگۈن بۇ نامايىش بولۇپ ئۆتكىنىگە 11 يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇ پەيدا قىلغان زىلزىلە بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى چەككە يەتكەن ئۇيغۇر ئاۋازى يىراق شەرقتىكى ياپونىيە تۇپراقلىرىدىن غەربىي يېرىم شاردىكى ئامېرىكا ۋە كانادا دۆلەت مەجلىسلىرىدە ھەر تۈرلۈك ئىنكاسلارنى ئۈزۈلدۈرمەي قوزغاپ تۇردى.
مانا بۈگۈن ئۇيغۇر ۋەتىنىدە 20- ئەسىردە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان غۇلجا نامايىشىنىڭ 11 يىللىق خاتىرە كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، جۈملىدىن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا خاتىرىلەندى.
بۇ نامايىشىنى خاتىرىلەش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋان سىياسىتىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن 300 گە يېقىن نامايىشچى ئامما ۋاشىنگتونغا جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا "ئىلى قىرغىنچىلىقىغا جاۋاب بەر"، "ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى توختات"، "شەرقى تۈركىستانغا ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىك كېرەك" دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى.
نامايىش بېشىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر نامايىش مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.
نامايىش خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا 3 سائەت داۋام ئەتكەندىن كېيىن شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 6لەر ئەتراپىدا ئۇتۇقلۇق ئاياغلاشتى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيىدە 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- نورۋىگىيىدە 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلار 5 - فېۋرال ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى
- 5 - فېۋرال ۋەقەسى توغرىسىدىكى ئەسلىمە
- فرانسىيىدە "5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ 11 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
- شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى
- 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ئۇنتۇلمايدۇ
- 5 - فېۋرال قەھرىمانلىرى مەڭگۈ قەلبىمىزدە (1)
- ئىستانبۇلدا " 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى" خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- مۇھەممەت ئاكا ئائىلىسىنىڭ 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىىدىكى پاجىئەسى
- سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى قوزغىدى
- خوڭكوڭلۇقلارنىڭ تەلىپى: يېرىم دېموكراتىيىدىن تولۇق دېموكراتىيىگە ئۆتۈش
- خىتايدا دېھقانلار قارشىلىق ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز يۈز بەرمەكتە
- ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە ئىنسانلىق تراگېدىيىسى