نورۋىگىيىدە 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى


2008.02.05

بۈگۈن يەنى 2008-يىلى 5-فېۋرال كۈنى نورۋىگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 5 -فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى مىللىي زۇلۇم ۋە خورلۇق جېنىغا پاتقان غۇلجا ياشلىرى مۇستەھكەم بىر سەپ بولۇپ ئۇيۇشۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىپ غۇلجا كوچىلىرىدا دېموكراتىك ئۇسۇل بىلەن نامايىش قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنى ئىزچىل دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى قولىدا نارازىلىق نامايىشى ئۈچۈن تەييارلانغان لوزۇنكىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئۇيغۇر ياشلىرىنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرغان ئىدى.

مۇشۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى ھەر يىلى خاتىرىلەش،بىگۇناھ شېھىت بولغان قەھرىمانلارنى ۋە تۈرمىلەردە ئازاپ چېكىۋاتقان گۇناھسىز قېرىنداشلىرىنى تۈرلۈك شەكىلدە ياد ئېتىشنى مۇشۇ كۈندىكى مۇھىم پائالىيەت مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.

شۇ تۈپەيلىدىن، بۈگۈن، 5-فېۋرال كۈنى ئوسلو شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ ئۇيغۇرچە ۋە ئېنگىلىزچە خەت يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ۋە شېھىت قىلىنغانلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن رەسىم رامكىسىنى كۆتۈرۈپ،ئۇيغۇرچە، نورۋېگىيىچە ۋە خىتايچە جاراڭلىق شۇئارلارنى توۋلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان كۈچلۈك نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، نورۋىگىيىنىڭ بېرگىن شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار رافتو كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىشى بىلەن بېرگىن ۋاقتى سائەت 4 دىن 6-گىچە 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش، شېھىتلەر ئۈچۈن خاتىرە گۈلى قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. (ئايگۇل يۈسۈپ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.