تۈركىيىدە 5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00
Guljafewral08Turkiye-200.jpg
د ئۇ ق نىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. RFA Photo / Erkin Tarim

بۈگۈن، 1997 - يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىگە دەل 11 يىل بولغان كۈن. بۈگۈن د ئۇ ق نىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشقا قەيسەرى ۋە ئىستانبۇلدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن باشقا، تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئەزەربەيجانلىقلار ۋە تۈركمەنلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. نامايىش غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش بىلەن باشلىنىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دەرۋازىسىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى ئېسىش بىلەن ئاخىرلاشتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.