5 ‏- فېۋرال ۋەقەسى توغرىسىدىكى ئەسلىمە


2008.02.05

بۇنىڭدىن 11 يىل ئىلگىرى يەنى 5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى يۈز بەرگەندە غۇلجا شەھىرىدە ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن، بەختىيار شەمشىدىن ھازىر گوللاندىيىدە ياشىماقتا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. ئىلگىرى ساقچىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن بەختىيار ئەپەندىم نېمە ئۈچۈن ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرىدا غوللۇق ۋەزىپىلەرنى ئۆتۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىگە ئۆزىنى ئاتىدى؟

بەختىيار شەمشىدىن بۇ ھەقتە " مېنىڭ ئۆتمۈشتە بېشىمدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرىم، مېنى ۋەتىنىم ئۈچۈن، مىللىتىم ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇرلىدى،" دەيدۇ.

بىز ئالدىنقى پروگرامىمىزدا بەختىيار ئەپەندىنىڭ گوللاندىيىدە ئېلىپ بېرىلغان 5" ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش " نامايىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىنى باستۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر توغرىسىدىكى بايانلىرىنى سىلەرگە ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈن مەزكۈر ئاڭلىتىشىمىزنىڭ داۋامىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتە ھازىرلىغان پروگراممىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.