مۇھەممەت ئاكا ئائىلىسىنىڭ 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىىدىكى پاجىئەسى


2008.01.30

5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 11 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. 1997 - يىلى 5 - فېۋرال كۈنى غۇلجىدا ئۇيغۇر ياشلىرى مىللى، دىنىي زۇلۇمغا ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تىنچلىق بىلەن نامايىش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى قولىدا تىغنىڭ سۇنۇقى بولمىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى قورال بىلەن قانلىق باستۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نەچچە يۈزلىگەن ياشلارنى رەھىمسىزلەرچە ئېتىپ تاشلاپ ۋە نەچچە ئون مىڭنى تۇتۇپ تۈرمىلەرگە تاشلاپ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىلى خەلقىنى مىسلىسىز پاجىئەگە دۇچار قىلغان ئىدى.

بۇ ۋەقە جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى يالغۇز بۇ قېتىمقى تىنچلىق نامايىشىغا قاتناشقان ياشلارنى تۇتۇپ قاماش ۋە ئۆلۇم جازاسى ئىجرا قىلىشتىن باشقا، بۇ ھەرىكەت بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ياشلارنىمۇ تۇتتى،قامىدى، ئۆلۇم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلدى.

مۇھەممەت ئاكا ئائىلىسىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى غۇلجىدىكى مۇشۇ ۋەقە تۈپەيلىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ تىپىك مىسالى. مۇھەممەت ئاكىنىڭ 5 ئوغۇل ۋە بىر قىز پەرزەنتى بار بولۇپ ئۇلار ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە تىجارەت بىلەن ئوبدان ياشاپ كەلگەن يۈز - ئابرۇيلۇق ئائىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى، تاكى 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى يۈز بەرگۈچە ئوز تىرىكچىلىكى بىلەن تىنچ ‏ - ئامان ياشاپ كەلگەن ئىدى. ئەمما 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن بۇ ئائىلىنىڭ بېشىغا ئۆلۇم، تۇرمە ۋە سەرسانلىق پاجىئەلىرى كەينى - كەينىدىن كېلىشكە باشلىغان.

بىز بۇگۈنكى خەۋىرىمىزنىڭ 1 - قىسمىدا بۇ ئائىلىدىكى ئۇشبۇ خىيىم - خەتەردىن ئامان قېلىپ ھازىر نورۋىگىيىدە سىياسىي پاناھلىقتا ياشاۋاتقان تەلەت ھاجىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ 5 - فېۋرال ۋەقەسىنى ئۆزى ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا بايان قىلىپ ئۆتتى.

گەرچە مۇھەممەت ئاكا ئائىلىسى 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىگە بىۋاستە قاتناشمىغان بولسىمۇ، بۇ ئائىلىدىكى چوڭ - كىچىك ھەممەيلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەر تۈرلۈك زىيانكەشلىك ۋە جازالارغا ئۇچرىغان. (ئايگۇل يۈسۈپ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.