5 - فېۋرال قەھرىمانلىرى مەڭگۈ قەلبىمىزدە (1)
2008.02.04
"يىل :1997، كۇن :5 - فېۋرال كۈنى، ئىلى دەرياسى يەنە بىر قېتىم دولقۇنلىدى. ئۇ بۇ قېتىمقى دولقۇنلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ شاش ۋە ئەركە تەبىئىتىنى ئەتراپىدىكى ئىنسانلارغا يەنە بىر رەت نامايەن قىلدى."
يۇقىرىدىكى قۇرلار، 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدىن ئۈزۈندىدۇر. ماقالىنىڭ ئاپتورى گۈلشەن ئابدۇقادىر، ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئاپتور 5 - فېۋرال ۋەقەسىنىڭ شاھىدلىرىنىڭ بىرى، ئۇ ئەينى چاغدىكى مۇخبىرلىق خىزمىتى جەريانىدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن بۇ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.
ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىت باشچىلىقىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ياشلارنىڭ غۇلجا ياشلىرىنى خىروئىندىن ئىبارەت زەھەرلىك چېكىملىك قىرغىنچىلىقىدىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىتىغا ياقمىدى، ئۇلارنىڭ مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇپ، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى كئۈچلەندئۈرۈش پائالىيىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئارامىنى بۇزدى، ئۇلارنىڭ پۇتبول كوماندىسى تەشكىللەپ، تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جەمئىيەت تەرتىپى ئۆلچىمىگە چۈشمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن سوئال - سوراقلار باشلاندى، تۇتقۇن قىلىشلار تەرەپ - تەرەپتە ئەۋج ئالدى. نەتىجىدە، 5 - فېۋرال كۈنى بىرقانچە يۈزلىگەن ياش ئاللاھ بىر شۇئارى بىلەن غۇلجا كوچىلىرىنى لەرزىگە كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ تەلىپى ئەركىنلىك ئىدى، ھەققانىيەت ئىدى، ئىنسانىي ھەق - ھوقۇق ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ تەلىپى قوبۇل قىلىنمىدى، قوبۇل قىلىنمىدىلا ئەمەس، ھەق - ھوقۇق تەلەپ قىلغىنى ئۇچۇن باستۇرۇلدى.
ۋەقەدىن كېيىن، 5 - فېۋرال قەھرىمانلىرى تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلدى، قەھرىمانلار ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدىمۇ غۇلجا خەلقىنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس تەسىراتلارنى قالدۇرۇپ كەتتى، ئۇلار، جازا مەيدانىغا ئېلىپ مېڭىلغاندا يۇرت - جامائەت بىلەن كۇلۇپ تۇرۇپ ۋىدالاشتى، قالدۇرغان خەتلىرىدىمۇ، "پۇشايمىنىمىز يوق، بىز ئۇچۇن يىغلىماڭلار،" دەپ ۋەسىيەت قالدۇردى.
خىتاي دائىرىلىرى، 5 - فېۋرال ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىلىرى دەپ قارىغان، ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىت بىلەن ئابدۇسالام ئابلىكىمنى تۈرمىدىلا قەتلى قىلدى.
ئۇلار قەھرىمانلارنى قەتلى قىلىپ بولۇپمۇ خاتىرجەم بولالمىدى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈم مۇراسىمىنى ئۇن - تىنسىز بىر ۋەزىيەتتە، قەدىرسىز بىر شەكىلدە بىر تەرەپ قىلماقچى بولدى، ئەمما غۇلجا خەلقى بۇنىڭغا يول قويمىدى، ئابدۇسالامنىڭ ئۆلۈم مۇراسىمىگە 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قېتىلدى، جەسەتنى ساقچى ماشىنىسىدا يۆتكەشنى رەت قىلغان جامائەت، جىنازىنى دولىسىدا كۆتۈرۈپ ماڭدى، يول بويى تەكبىر ئېيتىپ، قەھرىمانلىرىغا ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى. 5 - فېۋرال ۋەقەسىگە قاتناشقان بىر ئۇيغۇر ئابدۇسالام ئابلىكىمنىڭ ئۆلۇم مۇراسىمى ۋە سەبداشلىرى ھەققىدە ئەسلىمە بېرىدۇ. (داۋامى بار، شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مۇھەممەت ئاكا ئائىلىسىنىڭ 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىىدىكى پاجىئەسى
- سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى قوزغىدى
- خوڭكوڭلۇقلارنىڭ تەلىپى: يېرىم دېموكراتىيىدىن تولۇق دېموكراتىيىگە ئۆتۈش
- خىتايدا دېھقانلار قارشىلىق ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز يۈز بەرمەكتە
- ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە ئىنسانلىق تراگېدىيىسى
- ئۇيغۇرلار دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خاتىرىلىدى
- گوللاندىيىدە " ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيىتىگە ئەركىنلىك" دېگەن شۇئار ئاستىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- دېموكراتىيىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان تەسىرى
- خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش
- گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى مىيونخېن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خاتىرىلىدى
- ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزدى
- خىتاي زىيالىيلار " ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرۇلۇق ئوچۇق خەت يازدى
- خېفېي توپچى قىسىملار ئىنىستىتوتىدا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ نىشانى ساختا ئۇنۋانغا قارشى تۇرۇش