5 - فېۋرال قەھرىمانلىرى مەڭگۈ قەلبىمىزدە (2)


2008.02.05

خىتاي دائىرىلىرى 5 - فېۋرال نامايىشىنى باستۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، 5 - فېۋرال ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدىكى يوشۇرۇن كۈچلەرگە قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى؛ ئەمما خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئۇنچە ئاسانغا توختىمىدى، چۈنكى بۇ نۆۋەت ئۇلارنىڭ قارشىسىدىكى كۇچ. پاتىڭىدىن تۇتۇپلا ماشىنىسىغا تاشلاپ ئېلىپ ماڭغىلى بولىدىغان نامايىشچىلار ئەمەس ئىدى، ئۇلار، ئۆزىنى قوغداش ۋە دۈشمىنىگە زەربە بېرىش كۈچىگە ئىگە بولغان تەشكىلات ئەزالىرى ئىدى. ئىبراھىم ئىسمائىل، زىياۋۇدۇن ۋە تۇرسۇن سەلەيلەر باشچىلىقىدىكى بۇ تەشكىلات ئەزالىرى خىتاي قوراللىق قىسىملىرىغا ھەر توقۇنۇشتا ئەجەللىك زەربىلەرنى بەردى.

كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىسى گۈلشەن ئابدۇقادىرنىڭ 5 - فېۋرال ھەرىكىتى ھەققىدىكى ماقالىسىدە يېزىلىشىچە، توخۇچى يۈزى توقۇنۇشىدا، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىغا يولباشلىغۇچى ئۇيغۇر ساقچى ئابدۇراخمان توقۇنۇشنىڭ جەريانىنى مۇنداق ئاشكارىلىغان: " بىز مىللىي بۆلگۇنچىلەرنىڭ توخۇچىيۇزىگە توپلاشقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات تاپشۇرۇپ ئالدۇق، مەلۇماتتا ئۇلارنىڭ قولىدا پالتا ۋە پىچاقتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق دېيىلگەن ئىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمىدى، ئۇلارنىڭ قولىدا قورال بار ئىكەن، بولغاندىمۇ خىل قوراللار بار ئىكەن. بىز ئۇلارنى قورشاپ تىرىك قولغا چۈشۈرۈش ئۇچۇن، ئىككى ئاپتوموبىلدا خىللانغان ئەسكەر بىلەن بارغان ئىدۇق، ئۇلار ھە دېگەندىلا ئىككى ئەسكىرىمىز، لۇڭ فەي بىلەن نۇرلاننى ئېتىپ ئولتۇردى. ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ھودۇققان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بىر قانچە بۆلگۈنچى قېچىپ كەتتى، بەزىلىرى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ قورالىنىمۇ ئېلىپ قاچتى. مەن سەپنىڭ ئالدىدا ئىدىم، ئەترەت باشلىقىمىز مېنى قوروغا كىرىشكە بۇيرىدى، مەن كىرىشكە تەمشىلىۋاتقان چاغدا، قوۋۇرغامغا ئوق تەگدى، قالغان ئەھۋالنى بىلمەيمەن. "

ئاپتور، تۇرسۇن سەلەي ھەققىدىمۇ توختىلىدۇ. شۇنداقلا، توخۇچىيۈزى توقۇنۇشىنى تېخى يېقىندىلا غۇلجىدىن چەتئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇر تەسىرلىك بايان قىلىپ بېرىدۇ.

گۈلشەن ئابدۇقادىر ماقالىسىدە، خىتاينىڭ يوشۇرۇن كۈچلەرگە زەربە بېرىش جېڭىدە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنى ئالاقزادە قىلغان قەھرىمانلاردىن بىرى ئابدۇۋەلى ئابابەكرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5 - فېۋرال ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ۋەزىيەت، ئۇيغۇر خەلقى ئۆز سىياسىي ئىرادىسىنى ۋە مىللىي مەيدانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ۋەزىيەتتۇر. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، خىتاي ساقچىلىرى قوغلاپ زەربە بېرىۋاتقان ياشلارنى غۇلجا خەلقى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتقىچە باغرىدا پاناھلىغان، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرى مىللىي قەھرىمانلىرىنى قوغداشنىڭ بەدىلىنى تۆلىگەن. بۇ خىل بەدەلنى ئېغىرراق تۆلىگەنلەر توخۇچىيۈزى ئاھالىسى بولغان.

خىتاينىڭ تازىلاش ھەرىكەتلىرىدە، قورال ياسىدى دەپ ئەيىبلىنىپ، دەسلەپتە كېچىكمە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئارقىدىن جازاسى مۇددەتسىز قاماققا ئۆزگەرتىلگەن ئابدۇسالام شەمشىدىننىڭ دادىسى شەمشىدىن ھاجىم بىزگە بىلگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

گۈلشەن ئابدۇقادىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي، يۇقىرىقى توقۇنۇشلار جەريانىدا، ئۆز قوشۇنىنىڭ قورال جەھەتتىن ئۈستۈن بولسىمۇ، روھىي جەھەتتىن ئۈستۈن ئەمەسلىكىنى بايقىغان. بۇ سەۋەبتىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن، 8660 ‏ - قىسىم نامىدىكى ئالاھىدە قىسىمنى غۇلجىغا يۆتكىگەن، زوراۋانلىقتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئەترىتى نامىدا يېڭى ئەترەت تەشكىللىگەن. 5 ‏ - فېۋرال ھەرىكىتىدىن ئىبارەت قەھرىمانلىق داستانىنى ياراتقۇچىلار ئارىسىدا ئاياللارمۇ بار، مانا بۇلاردىن بىرى 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خالىدەدۇر. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.