'5 - ئىيۇل ۋەقەسى'نىڭ بىر يىللىقى مەزگىلىدە، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بولغان نازارەت كۈچەيتىلدى

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" نىڭ بىر يىللىقى مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى، رايون تەۋەسىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بولغان نازارەتنىمۇ كۈچەيتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.06.21
Urumqi-xitay-saqchiliri-Uyghur-mehelliside-tekshurush-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 17 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
AFP Photo

ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىگە ئائىت ئالامەتلەرنى يېقىندا بۇ ھەقتە چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشلار ۋە ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا كۆپەيتىلگەن چارلاش ئاپتوموبىللىرىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، پارتكوم ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى يېقىندا بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيە، ئىدارە - جەمئىيەت ۋە مەكتەپلەردىن ئۆز تەۋەسىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى ھەمدە تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرگە قارىتا تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.

رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئۇچۇر يەتكۈزگەن، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا قوراللىق ساقچىلار يەنە كۆپەيتىلگەن. شەھەر كوچىلىرىدا كېچىسى چارلاش ئېلىپ بارىدىغان ساقچى ماشىنىلىرىنىڭمۇ سانى ئالدىنقى بىرنەچچە ئايدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان. شەھەر كوچىلىرىدا كېچىسى چارلاش ئېلىپ بارىدىغان برونېۋىكلارمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى چارلاش قېتىم سانىنى كۆپەيتكەن.

ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ساھەسىدە ئىشلەيدىغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ھەرقايسى گېزىتخانا، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئورگانلىرىغا، " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە دائىر خەۋەرلەرنى ئىشلەشتە، دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئىچكى جەھەتتىن مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

ئۇقتۇرۇشتا، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىقى ئاز قالغان مەزگىلدە، بۇلتۇر رايوندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشقا ئائىت خەۋەر - مۇلاھىزىلەرنى ئاز بېرىش، بۇ ھەقتە يېزىلغان خەۋەرلەر چوقۇم قايتا - قايتا تەكشۈرۈش ۋە تەستىقتىن ئۆتۈش ئارقىلىق ئېلان قىلىنىش تەلەپ قىلىنغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەر خوڭكوڭدىكى "مىڭباۋ" گېزىتىدىمۇ دەلىللەنگەن. گېزىتنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ئورگانلىرىدىن '5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى'گە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئاز بېرىش، ھەتتا بەرمەسلىك تەلەپ قىلىنغان."
 
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە، قىرغىزىستاندا داۋاملىشىۋاتقان مىللىي توقۇنۇش ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بېرىشتە ئېھتىيات قىلىۋاتقان بولۇپ، "مىڭباۋ" گېزىتىدىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقايسى ئۆلكە - شەھەرلەردىن قىرغىزىستان ۋەقەسىگە دائىر خەۋەرلەرنى بېرىشتە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى ئاساس قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

رادىئومىزغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارغا بۇ ھەقتە مەخسۇس يىغىن ئېچىلىپ، قىرغىزىستان ۋەزىيىتىگە ئائىت خەۋەرلەرنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى تەرجىمە شەكلىدە بېرىش، قىرغىزىستاندا داۋاملىشىۋاتقان مىللىي توقۇنۇش ھەققىدە مۇلاھىزە ماقالىلىرى بەرمەسلىك تەلەپ قىلىنغان.

 ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا باغلاپ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۆزبېك -قىرغىز مىللەتلىرى ئارىسىدىكى مىللىي توقۇنۇش، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

"شەپە ژۇرنىلى"نىڭ مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: "ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاپتونوم رايون تەۋەسىگە كۆچۈپ كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىغاندا، ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز قاتارلىق قېرىنداش تۈركىي خەلقلەرنى بەكرەك يېقىن دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا 1 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشاۋاتىدۇ. شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگەن ھەرقانداق بىر ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىمۇ بۇ نۇقتىنى ياخشى چۈشىنىدۇ. شۇڭا " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىقى مەزگىلىدە، قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى مىللىي توقۇنۇش خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە قارىغاندىمۇ بەكرەك ئەنسىرىتىۋەتتى. ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ " قىرغىزىستان ۋەزىيىتىگە ئائىت خەۋەرلەرنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسەن بېرىشنى تەلەپ قىلىشىمۇ مانا مۇشۇ خىل ئەنسىرەش سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ ئەلۋەتتە."

جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، قىرغىزىستاندىكى ھازىرقى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگىمۇ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر قىرغىزىستاندىكى توقۇنۇش، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پەرغانە ۋادىسى دەپ ئاتالغان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېڭەيسە بۇ خىل تىنچسىز ۋەزىيەت ئالدى بىلەن خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرگە چېگرىداش بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ھەم رايوندىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئەتى بىۋاسىتە زىيانغا ئۇچرايدىكەن.

شۇڭا بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەلۋەتتە رايوندا ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىش، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىش قاتارلىق بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان نازارەت ۋە كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.