ئۇيغۇر ئېلىدە 50 يىل مابەينىدە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش نېمە؟(1)
2005.06.28
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەم ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھازىرلىقلىرى ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۈچۈن، ئىككى يىل ئىلگىرى مەخسۇس تەييارلىق كومىتېتى قۇرغان.
تەبرىكلەشنىڭ ئالدىدىكى "تازىلاش "
بۇ كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى يېقىندا ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىرغان. ئۇ يىغىندا "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش، ئاپتونۇم رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سىياسى ھاياتىدىكى زور ۋەقە شۇنداقلا زور سىياسى چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە" دەپ كۆرسىتىپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىگە مەسئۇل دائىرىلەردىن بۇ تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ساق -سالامەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن جەمئىيەتنى تۈزەش ھەم تەرتىپكە سېلىش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇنىڭ ئالدىدا، يەنى 18 - مايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ھەر قايسى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشنىڭ ئالدى -كەينىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر خىل جىنايى ھەرىكەتلەرگە قارشى، تازىلاش ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.
ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدىكى بۇ ئاتالمىش تۈزەش، قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنى تىزگىنلەش ھەم باستۇرۇش ھەركىتىنىڭ بىشارىتى دەپ قارىماقتا.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىنى ئاساس قىلىپ ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى، ئۇيغۇر ئېلى خەلقىگە 10 چوڭ ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئەھمىيەتلىك كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتىكى تەييارلىق ئىشلىرىغا قارىغاندا، ئۇلار يەنە سىياسىي، ئىجتىمائىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن كۈچ ھەم مەبلەغ ئاجراتقان.
تەييارلىق كومىتېتىدىكى خادىم بىلەن سۆھبەت
بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تەسىس قىلغان، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش خىزمىتى تەييارلىق ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ھەمدە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلاردا زىيارەت قىلدۇق. نې فامىلىلىك بىر ھۆكۈمەت خادىمى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى:
- ياخشىمۇ سىز، مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى، نۆۋەتتتە 50 يىللىق تەبرىكلەش پائالىيىتىگە جىددىي تەييارلىق كۆرىۋىتىپسىلەر. بۇ پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەزمۇنى نېمە؟
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ سىياسىي ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى چوڭ ئىش، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز بىر قاتار تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن باشقا، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭ خەلقىگە ئەڭ جىددىي ھەل قىلىپ بېرىشكە تېگىشلىك بولغان، مائارىپ، ئىقتىساد، سەھىيە، سۇ ۋە توك قاتارلىق ئون چوڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بەرمەكچى. بۇ خىزمەتنىڭ بەزى بىر قىسمى باشلاندى، يەنە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدۇ.
- سىزنىڭچە ئۇيغۇر ئېلىدە 50 يىل مابەينىدە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش نېمە؟
- ئەلۋەتتە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات. بۇ ئەللىك يىلدا شىنجاڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىدا ئاسمان- زېمىن پەرقلەر مەيدانغا كەلدى. بۇنى شىنجاڭغا كەلسەڭلار بىلىسىلەر. بۇنىڭدا مەركەزنىڭ غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ زور تۈرتكىسى بولدى. خەلقنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغاندىلا ئاندىن خاتىرجەم بولىدۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور ئەھمىيەت بېرىپ كەلدۇق.
- بىلىشىمىزچە پارتىيە - ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئېلىنى باشقۇرۇش سىياسىتىدە، مۇقىملىقنى ئاساس قىلدى ؟ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇقىملىق ئاساسمۇ ياكى ئىقتىسادمۇ؟
- ئەلۋەتتە، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ. مۇقىملىق بولمىسا، تەرەققىياتمۇ ئىشقا ئاشمايدۇ. كۈندە مىلتىق كۆتۈرۈپ يۈرسەك قانداقمۇ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرالايمىز؟ مۇقىملىق بولغاندا، ئىقتىساد ياخشىلانغاندا ئاندىن خاتىرجەملىك ئىشقا ئاشىدۇ. مۇقىملىقنى ساقلاش ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇھىم ئىش. تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق بىر بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك.
- سىزنىڭچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق سەۋەب نېمە؟
- مۇقىمسىزلىقنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. چوڭ تەرەپتىن ئېيتساق، دۇنيادا ھەر قاندا ق جايدا مۇقىمسىزلىق بارغۇ ؟ خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ جەمئىيەتتە ھەر تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەر بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما شىنجاڭدا يۈز بەرگەن مۇقىمسىزلىق ھەرىكەتلىرىنى چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ تەسىر كۈچىدىن ئايرىپ قارىمايمىز. مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنىلا ئۇزۇن مۇددەت كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ھاياتىدا زور يۈكسىلىشلەر بولدى، ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى 50 يىل مابەينىدىكى چوڭ نەتىجە دەپ كۆرسەتسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى "1955 - يىلى ئۆكتەبىردە شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قىلىپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر خەلقى سىياسىي، ئىقتىسادىي ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىدىن مەھرۇم قالدى. مۇستەقىللىقىنى يوقاتقاندىن سىرت، ئەقەللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىغىمۇ ھەقىقىي ئىگە بولالمىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگۈرىش خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى، ئاتالمىش تەرەققىياتتىن بەھرىمان بولغانلار خىتاي كۆچمەنلىرىدۇر" دېگەن نارازىلىق پىكىرلەردە بولۇپ كەلمەكتە.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە بولغان مەيدانى ھەققىدە زىيارەتلەر ئېلىپ باردۇق. بۇنىڭغا دائىر مەزمۇنلارنى ئەتىكى پروگراممىمىزدىن ئاڭلىغايسىلەر.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىسمايىل تىلىۋالدى: ش ئۇ ئا ر نىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش زور سىياسى ۋەقە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى "قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" بىلەن كۈتۈۋالىدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە "قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" نى قايتا باشلىدى
- ئىلى قازاق ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى تەبرىكلەندى
خىتاينىڭ ئاتالمىش ئاپتونومىيە قانۇنى
- خىتاي زىيالىيلىرى ئاپتونومىيە مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى (2)
- سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىدىكى ئاپتونومىيە ھەققىدىكى بايانلىرىنى رەت قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي ئاپتونومىيە مەسىلىلىرى بويىچە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى
- خىتاينىڭ "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىسى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىدىكى تارىخى ئاساسلارنىڭ ئاساسى بارمۇ؟