ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەرەققىياتلاردىن يەرلىك خەلق مەنپەئەتلەندىمۇ؟


2005.07.11

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 50 يىل مابەينىدىكى ئۆزگىرىشلىرى ھەققىدە كەڭ تۈردە تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا.

تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇئەن، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى بارلىق رادىئو- تېلېۋىزىيە ھەم گېزىت - ژورنال مۇخبىرلىرىغا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغان 50 يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مەخسۇس سۆز قىلغان.

ئۇ سۆزىدە " خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان غەمخورلىقى ۋە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭ 50 يىل جەريانىدا مىسلىسىز تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، ئىقتىسادى گۈللەندى، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئاسمان- زېمىن پەرقلەر مەيدانغا كەلدى، خەلق تۇرمۇشى بارغانچە ياخشىلاندى" دەپ ئۈچ ئاساسىي نۇقتا بويىچە توختالغان.

ئۇ يەنە بۇ يىلنىڭ، 15 يىللىق پىلاننىڭ ئاخىرقى يىلى ئىكەنلىكىنى، كېيىنكى 15 يىللىق پىلاندا يەنى 2020 - يىلغىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىختىكى يېڭى بىر تەرەققىيات دەۋرىگە كىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، ئەمما قايسى جەھەتلەردە تەرەققىي قىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلى توختالمىغان.

ئىلگىرى ۋاڭ لېچۇئەن ئۇيغۇر ئېلىنى باشقۇرۇشتا "مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ" دېگەن پرىنسىپ بويىچە قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشخانىسدىن ئىگە بولۇشىمىزچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرىمىز دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇندىن كېيىن يەنىلا مۇقىملىقنى ئاساسىي نۇقتا قىلىدىكەن.

يەرلىك خەلق مەنپەئەتلەنگىنى يوق

چەتئەلەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، "ۋاڭ لېچۇەن تەكىتلىگەندەك، بۇ ئەللىك يىلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە تەرەققىياتلار مەيدانغا كەلگەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ، شۇنداقلا بۇ ئەللىك يىلدا دۇنيا تەرەققىي قىلدى، تەرەققىياتنىڭ بولىشى تەبىئىي ئەھۋال، ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر ساھەلەردە تەرەققىياتلار كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بۇ تەرەققىياتلاردىن يەرلىك خەلق مەنپەئەتلىنەلمەي كەلمەكتە" دېگەن پىكىرلەردە بولۇپ كەلمەكتە.

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىدىنمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەمەمىلىي تۇرمۇش ئەھۋالىدا نۇرغۇن پەرقلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى مەلۇم يەنى بىز ئۇيغۇر ئاممىسىدىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەھەرلىرىدە قەد كۆتەرگەن ئىگىز- ئىگىز بىنالار تەرەققىياتنى ئىسپاتلاپ تۇرمامدۇ؟ دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇلار " شۇ بىنالاردا ياشاۋاتقانلارنىڭ قانچە پىرسەنتى ئۇيغۇرلار ئىكەن؟ بۇ بىنالار خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈچۈن ياشاش ھەم خىزمەت قىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ" دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

بىز يەنە ئۇلاردىن "كەينى، كەينىدىن ئېچىلغان شىركەت، كان - كارخانىلار، تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەر خىل قاتناش ئەسلىھەلىرى ئەجەبا سىلەرگە مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەمدۇ؟ دەپ سورىغىنىمىزدا، " توغرا خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى ئېچىۋاتىدۇ، بايلىقلارنى ئېچىشتىن تارتىپ پايدىلىنىشقىچە ھوقۇق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قولىدا، بۇ بايلىقلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەمەس خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە. قاتناش ئەسلەھەلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بولسا، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ يۇرتىمىزغا كىرىشى ھەمدە بايلىقلىرىمىزنىڭ يەنىمۇ تېز سۈرئەتتە سىرتلارغا توشۇلۇشى ئۈچۈندۇر" دېگەن جاۋابلارغا ئېرىشكەن ئىدۇق.

دېھقانلارنىڭ ئىنكاسى

شۇنىڭدەك بىز يەنە ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتلىرىدا خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى، باي بولدى، ھەتتا يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى ئىككى مىڭ يۇئەندىن ئاشتى دەپ تەشۋىق قىلماقتا. ئەجەبا بۇ سانلىق قىممەتلەر، تۇرمۇشىڭلارنىڭ ياخشىلانغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟ دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇلار خۇرسىنغان ھالدا :

"بۇ ئەمەلىيەت ئەمەس، يېزىلىرىمىزدا دېھقانلىرىمىز ھازىرغا قەدەر، پاكىز سۇ ئىچەلمىسە، توك پۇلىنى تۆلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن جىن چىراقنىڭ يورۇقىدا ياشاۋاتسا، بالىلىرىنى تۈزۈك ئوقۇتالمىغاننى ئاز دەپ، تۈرلۈك جەرىمانە تۆلەۋاتسا، ھەتتا بىر يىل جاپالىق ئەمگەك قىلىپ تاپقان - تەرگىنى قەرز تۆلەشكىمۇ يەتمىسە بۇنى بېيىش دېگىلى بولامدۇ؟" دەپ قايتۇرۇپ، سوئاللارنىمۇ تاشلىغان ئىدى.

ئۇيغۇرلار ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، "خىتاي ھۆكۈمىتى، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىق خاتىرىسىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەنە بىر قېتىم يالغان ئاخبارات تارقىتىپ، تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر خەلقى 50 يىلدا بارلىق ھەق- ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدى، سىياسىي ھوقۇقى بولمىغان خەلقىنىڭ باشقا ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھوقۇقلىرىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى، ئۇيغۇر خەلقىنى مونوپول قىلىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىملىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى" دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.