خىتاي ھۆكۈمىتى چەرچەندە بىخەتەرلىك خىزمىتىنى چىڭ تۇتماقتا

0:00 / 0:00

گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايىنغۇلىن موڭغول ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ۋە چاقىلىق ناھىيىسىدە 8 - ئاينىڭ باشلىرى ئېزىز بارات ۋە ئوسمان مۇسا ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر دېھقان، ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنى ئۆيىدە قانۇنسىز ھالدا پارتلاش بويۇملارنى ساقلىغان ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 50 يىللىقى ھارپىسىدا پارتلىتىش ۋەقەسى سادىر قىلماقچى بولغان دەپ ئەيىبلىگەن.

ئۇچۇر مەركىزىنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چەرچەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئېزىز بارات ئىسىملىك دېھقاننىڭ ئۆيىدىن 47 كىلو پارتلىتىشتا ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇقلۇق، 50 دانە كاپسۇل ۋە 32 مېتىر ئوت پىلتىسىنى تاپقان. شۇنداقلا ، چاقىلىق ناھىيىسىدىكى ئوسمان مۇسا ئىسىملىك دېھقاننىڭ ئۆيىدىنمۇ، بۇ خىل سۇيۇقلۇقتىن 30 كىلو، 64 دانە كاپسۇل ۋە 70 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئوت پىلتىسى چىققان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز پەرىدە چەرچەن ناھىيىسىگە تېلېفون ئۇرۇپ، بۇ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەشكە تېرىشتى.