ئەندىشە ۋە زەربە ئاستىدىكى 50 يىللىق مۇراسىم (1)
2005.09.26

بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلىپ، بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن تەسىس قىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 50 يىللىقى.
خىتاينىڭ تەڭرى تاغ تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ، زىيارەت قىلىش بىلەن بىر قاتار تەشۋىقات –تەرغىباتلارنى ئېلىپ باردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ھال سوراش، تەشۋىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن زور ساندىكى ساقچى قوشۇنلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلار زىچ جايلاشقان ئورۇنلارغا بولغان كونترول قىلىشنىمۇ كۈچەيتىش بىلەن سالاھىيەت تەكشۈرۈش، تۇتقۇن قىلىشنىمۇ كېڭەيتمەكتە.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كىشىلەرنىڭ رادىئو ئىستانسىمىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى ئارقىلىق ئىنكاس قىلىشىچە، ھەتتا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يېزا قىشلاقلاردىمۇ چارلاش گۇرۇپپىلىرى تەسىس قىلىنىپ، كەڭ كۆلەملىك قامال قىلىش، ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بارماقتا.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ جايلاشقان رايونلىرىدا تولۇق قوراللانغان ساقچى ئەترەتلىرىنىڭ چارلاش شۇنىڭدەك ئۇلار ئۆزلىرى گۇمانلىق دەپ قارىغان خالىغان ئۇيغۇرنى تەكشۈرۈش ۋە تۇتۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى دائىم كۆرۈلمەكتە.
خىتاي ئاخبارات تورلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى "ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش جەريانىدا ھەر خىل جىنايەتچىلىك ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش " شۇنىڭدەك يەنە " ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ ئاغدۇرمىچىلىقىغا قارشى تۇرۇش " دەپ تەشۋىق قىلغان.
ئەلۋەتتە يەنە ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا يەنە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ، ئۆز ئائىلىسىگە ئۆزلىرى ئىگە بولۇۋاتقانلىقى"، "كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكى"، "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ناھايىتى ياخشى، جەمىيەتنىڭ تىنچ ۋە مۇقىم ھەم پاراۋان ئىكەنلىكى" قاتارلىق مەزمۇنلار ئاساسىي نۇقتا قىلىنغان.
ئەگەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك ئەنە شۇنداق بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇلار يەنە زور تۈركۈمدىكى ساقچى قوشۇنلىرى، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنى ئىشقا سېلىپ، قاتتىق قامال ۋە كونترول قىلىش چارىلىرىنى بېكىتىدۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئۇنچىۋالا ئەندىشە قىلىدۇ ؟
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاتاقلىق سىياسىيون سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ھارپىسىدا كېتىۋاتقان بۇ ۋەزىيەت ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە 100 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارماقتا
- قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى 1-ئۆكتەبىرنى ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى چەرچەندە بىخەتەرلىك خىزمىتىنى چىڭ تۇتماقتا
- 50 يىللىق خاتىرىلەش تەشۋىقاتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا
- د ئۇ ق ۋاڭ لېچۈەننىڭ رابىيە خانىمغا تۆھمەت چاپلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
ئۇيغۇر ئېلىدە 50 يىل
خىتاينىڭ ئاتالمىش ئاپتونومىيە قانۇنى
- سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىدىكى ئاپتونومىيە ھەققىدىكى بايانلىرىنى رەت قىلدى
- خىتاي زىيالىيلىرى ئاپتونومىيە مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى (2)
- خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي ئاپتونومىيە مەسىلىلىرى بويىچە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى
- خىتاينىڭ "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىسى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىدىكى تارىخى ئاساسلارنىڭ ئاساسى بارمۇ؟