0:00 / 0:00
خىتايدا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى داغدۇغىلىق خاتىرىئىنىۋاتقان مەزگىلدە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرماقتا.
تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سىيىت تومتۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى سېكرىتارى ھامىد كۆكتۈرك ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى.