ئەندىشە ۋە زەربە ئاستىدىكى 50 يىللىق مۇراسىم (3)


2005.09.29

luogan.gif
كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى لو گەن.

خىتاينىڭ تەڭرى تاغ تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەي ئەت ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ھېسابلانغان لو گەن ئۈرۈمچىدە سىياسىي قانۇن سىستەمىسىدىكى كادىرلارنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، شۇنىڭدەك يەنە قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ۋە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ۋە سىياسىي مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئالاھىدە تۆھپە ياراتقانلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.