لو گەن غۇلجىغا كەلگەندە قوراللىق ساقچىلارغا تىز سۈرئەت بىلەن سوتسىيالىزىم قۇرۇش" نى تەكىتلىگەن

0:00 / 0:00

ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش دېگەن نامىدا ھەرخىل شەكىلدە قارشى ئېلىش، نۇتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي ئىشلار سېستىمىسىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئۇنىڭغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مەخسۇس "قاتتىق زەربە بېرىش" دەپ ئاتىلىدىغان پەۋقۇلئاددە سىياسەت يۈرگۈزۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، شىنجاڭ پارتكومنىڭ باشلىقى ۋاڭ لېچۇەننىڭ يېقىن يۇرتدىشى لوگەننى باشلىق قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتكەن.

لو گەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەرىكەتلىرى قاتتىق باستۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان غۇلجا شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ جايدىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى يوقلىغان ۋە نۇتۇق سۆزلەپ " پەقەت ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرغاندىلا، ئاندىن سوتسىيالىزمنى تىز تەرەققى قىلدۇرغىلى بولىدۇ ۋە ئىلى ئوبلاستىنىڭ مەڭگۇ تۇراقلىق بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرگىلى بولىدۇ" دېگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ۋەلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. دىلشات رىشىت خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى لوگەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگەنلىكى ۋە قوراللىق قىسىملارغا "سوتسىيالىزمنى تىز تەرەققى قىلدۇرۇشنى" ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكىنى ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى قوللىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ۋەلىنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.