شىمالىي كورىيە يادرو قوراللاردىن ۋاز كېچىشتىكى ئالدىنقى شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى

0:00 / 0:00
CHINA_NKOREA_US_NUCLEAR_21.jpg
شىمالىي كورىيە ۋەكىلى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كى كيې گۋان بېيجىڭدىكى دياۋيۈتەي مېھمانخانىسىدا. AFP

6 دۆلەت سۆھبىتنىڭ 2 - كۈنى شىمالىي كورىيىنى يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كەچۈرۈش مەسىلىسىدە ۋاشىنگتون بىلەن پيوڭياڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ يەنىلا ئېغىر بولۇپ، بېيجىڭدىكى دىپلوماتىك ئەمەلدارلار، ۋاشىنگتون بىلەن پيوڭياڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ بىرى، قايسى تەرەپنىڭ ئالدى بىلەن يول قويۇش مەسىلىسى شۇنداقلا يول قويۇش تەرتىپىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىلى كرىستوفىر خىللنىڭ تەكىتلىشىچە، شىمالىي كورىيە تەكلىپ لاھىيىلىرىنىڭ تەرتىپىگە ئەھمىيەت بەرمەكتىكەن. كرىستورفىر خىلل، "ئۇلار ئەزەلدىن مەجبۇرىيەتنى باشقىلاردىن بۇرۇن ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

ئېغىر شەرت

سۆھبەتنىڭ 2 - كۈنى شىمالىي كورىيە بىر قانچە تۈرلۈك تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەلەپلەر ئامېرىكىنىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى يادرو قوراللىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش، شىمالىي كورىيە بىلەن مۇناسۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش شۇنداقلا شەرقىي ئاسىيادىكى ئاخىرقى ستالىنىزىمچە دۆلەتكە بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

شىمالىي كورىيە ۋەكىلى كىم كيى - گۋاننىڭ يىغىندا تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا مۇشۇ شەرتلەرنى قاندۇرغاندىلا شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار تەرەققىيات پىلانىدىن ۋاز كېچىدىكەن. ئەمما جەنۇبىي كورىيە بىلەن ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە زېمىنىغا يادرو قوراللار ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى رەت قىلدى. جەنۇبىي كورىيە سۆھبەت ۋەكىلى سوڭ مىن - سۇن، شىمالىي كورىيىنىڭ تەلىپى " بۇنىڭدىن كېيىنكى سۆھبەت جەريانىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلىدىكەن".

چارشەنبە كۈنكى يىغىندا شىمالىي كورىيە ئامېرىكىنىڭ 2004 - يىلى 6 - ئايدىكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان پىلانىنى ئامېرىكىنىڭ يادرو تەھدىتىگە خاتىمە بېرەلمەيدۇ، دېگەن سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلغان.

ئالدى بىلەن يادرو قوراللاردىن ۋاز كېچ ھىشى كېرەك

ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللاردىن ئۈزۈل -كېسىل ۋە مەڭگۈلىك ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماككورماك، "شىمالىي كورىيە ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەر خىل مۇناسىۋەتلەر ئورناتسا بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن بۇرۇن يادرو قوراللاردىن ۋاز كېچىشى كېرەك،" دەپ ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋاشىنگتون بۇرۇنقى پىلانىدا چىڭ تۇرماقتىكەن. كرىستوفىر خىلل چارشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيىنى يادرو قوراللاردىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىش بىلەن بىرگە، تەرەپلەرنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە سۆزلىشىشكە ئۈندىگەن. كرىستوفىر خىلل، سەيشەنبە كۈنى سۆھبەت باشلانغاندا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيىگە ھۇجۇم قىلىش نىيىتى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ماككورماكنىڭ تەكىتلىشىچە، “ ئىلگىرلەش ئاستا بولسىمۇ، ئەمما يىغىندا تەرەپلەر كېيىنكى نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ ۋاقىت - قەرەلى بېكىتەلىسە بۇنىڭ ئۆزى بىر ئىلگىرلەش ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيىنى يادرو قوراللاردىن قانداق ۋاز كەچۈرۈش پىلانى بىلەن پيوڭياڭنىڭ بۇ مەسىلىسىدىكى كۆز قارىشى ئارىسىدا زور ئىختىلاپ مەۋجۇت. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، تەرەپلەر سۆھبەت جەريانىدا كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرۇسىزلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بىراق شىمالىي كورىيە يادرو قوراللاردىن ۋاز كېچىشنى ئامېرىكا - جەنۇبىي كورىيە مۇداپىئە ئىتتىپاقىغا باغلىغان. خىتاي بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ساھىپخانى. خىتاي سۆھبەت ۋەكىلى، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ داۋېي چارشەنبە كۈنى تەرەپلەرگە سىياسى جاسارەت كۆرسىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش توغرىسىدا نەسىھەت بەردى.(ئەركىن)