خىتاي سوتىنىڭ 6 ئۇيغۇر ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمنامىسى ئۈستىدە --- رۇقىيە تۇردۇش خانىم بىلەن سۆھبەت
2007.11.14

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتا دىنىي ساھەگە بولغان ھۇجۇمىنى نۇقتىلىق مەركەزلەشتۈرمەكتە. بولۇپمۇ،2001 -يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنى خەلقئارا تېررورچىلىققا باغلاپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي كىملىكىنى، دۇنياغا تەھدىت قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. بۇ نۆۋەت، خىتاي سوتىنىڭ قەشقەردە 6 ئۇيغۇر ئۇستىدىن چىقارغان ھۆكۈمىمۇ ئەينى ۋەزىيەتنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە. ھۆكۈمنامىدە، ئۇيغۇرلار شەرقى تۇركىستان ئىسلام پارتىيىسى قۇرغان، ئىسلام خەلىپىلىكىنى تىكلىمەكچى بولغان دەپ ئەيىبلەنگەن؛ بۇ ئەيىبنامىلەر توغرىمۇ؟
بۇ ھەقتە، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن رۇقىيە تۇردۇش خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتىن جاۋاپ ئىزدەيمىز.
" خاتالىق قولىغا قورال ئالغانلاردا ئەمەس، قورال ئېلىشقا مەجبۇرلىغانلاردا"
سوئال: ھۆكۈمنامىدە،مەھكۇملارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بۆلگۈنچىلىك دەپ ئەيىبلەنگەن، بۇ ئەيىبنامە خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟
جاۋاب: مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش، خەلقئارا قانۇن-بەلگىلىمىلەر بۇيىچە، ئوخشاش بولمىغان سىياسىي كۆز قاراشنى ئىپادىلەش دەپ قارىلىدۇ،بۇ مەسىلە پەقەت، سىياسىي سۆھبەت يولى بىلەن، زۆرۈر تېپىلسا، خەلق ئاۋازىغا قويۇش يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك، ئۇنى باستۇرۇش يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ.خەلقئارا قانۇندا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بارلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن.
سوئال: ھۆكۈمنامىدە،مەھكۇملار نىڭ يەر ئاستى تەشكىلات قۇرغانلىقى، پارتلىتىش دورىسى ياسىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ۋە بۇنى تېررورلۇق دەپ ئەيىبلىگەن، بۇ ئەيىبنامىسى توغرىمۇ؟

جاۋاب: بۇ دېگەنلىرىنىڭ راستلىقىغا گۇمان بىلەن قارايمەن، ئەمما پاكىت راس بولغان تەقدىردىمۇ ھۆكۈم خاتا. چۈنكى، بۈگۈن چەتئەلدىكى غوللۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى شەرقى تۇركىستان مەسىلىسىنى تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما تىنچلىق يالغۇز بىر تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بولمايدۇ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بولىدۇ. بۈگۈنگە قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتى بىرەر ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش چاقىرىقىغا ئىنكاس قايتۇرغىنى يوق، قۇلاقمۇ سالغىنى يوق. ئەكسى ھالدا، شۇ تېنچلىق يولى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشقىمۇ ئىمكان بەرمەي كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىكى خاتالىق قولىغا قورال ئالغانلاردا ئەمەس، ئۇلارنى قولىغا قورال ئېلىشقا مەجبۇرلىغانلاردا. خىتاي، ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى مىللەتلەرگە ئالدى بىلەن ئەركىن پىكىر قىلىش، تەشكىلاتلارغا ئويۇشۇش ھوقۇقىنى بەرمەي تۇرۇپ، قوراللىق ھەرىكەتكە ئۇيۇشقانلارنى ئەيىبلەش سالاھىتى يوق.
" ئۇلار ئەركىنلىك جەڭچىلىرى"
سوئال: بۇ يەردە، بۇ دېگەنلىرىڭىزنى تەستىقلايدىغان خەلقئارا قانۇندىن بىرەر ماددا كۆرسىتىپ بېرەلەمسىز؟
جاۋاب: خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى باياننامىسىنىڭ كىرىش سۆزىدە ئۆكتىچى سىياسىي كۆز قاراشتىكىلەر زوراۋانلىق يولىغا مەجبۇرلانماسلىقى كېرەك دەپ ئەسكەرتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا 3 -قېتىملىق جەنۋە شەرتنامىسىنىڭ 4 -ماددىسىدا، تەشكىللىك ھالدا قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىپ قولغا ئېلىنغانلارغا ئۇرۇش ئەسىرلىرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن.
سوئال: خىتاي ھۆكۈمنامىسىدە، مەھكۇملارنى، شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى قۇرغان، ئىسلام خەلىپىلىكىنى تىكلىمەكچى بولغان دەپ ئەيىبلىگەن؛ سىز بۇ ئەيىبلىمىلەرنى قانداق چۈشىنىسىز؟
جاۋاب: مېنىڭچە بۇ ھۆكۈمدە خىتاي ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى خەلقئارادىكى رادىكال تەشكىلات دەپ ئەندىشە بىلەن قارىلىۋاتقان بىر قىسىم ئىسلامىي تەشكىلاتلارغا چېتىشلىق قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغان؛ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغىنى بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا بىلىگلىك. بۇ يەردە مېنىڭ ئالدى بىلەن ئەسكەرتىدىغىنىم، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يىقىلغان مىللىي بىر دۆلىتىنى -شەرقى تۇركىستان جۇمھۇرىيىتىنى -ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدۇر. بۇ نۇقتىنى، شەرقى تۇركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى دەپ قارالغان مەرھۇم ھەسەن مەخسۇممۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان؛ يەنى، مەقسىتىمىز، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىش دېگەن، ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش دېمىگەن. ئۇيغۇرلار 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى قۇرغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ بىرى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، يەنە بىرى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت بولغان. ھەر ئىككىسى، خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسى بىلەن قۇرۇلغان، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت خىتايدىن باشقا ھېچبىر دۆلەتكە تەھدىت ئېلىپ كەلمىگەن. ئۇيغۇرلار مىللىي دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئوز ئىچىدىكى ئوخشاش بولمىغان پىكىر ئېقىملىرىنى، توغرا ھەل قىلىپ كەتكۈدەك تەشكىلچانلىققا ۋە ئەنئەنىگە ئىگە، بۇ خىتاي ئارىلىشىدىغان ئىش ئەمەس؛ 1944- يىلىدىكى جۇمھۇرىيىتىمىز، شەرقى تۈركىستاندىكى 10غا يېقىن مىللەتنى، ئوخشاش بولمىغان سىياسىي كۆز قاراشتىكىلەرنى باغرىغا بېسىپ، ئىناق ئۆتەلىگەن، ئىچكى توقۇنۇشلار چىقمىغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى، خەلقئارادا رادىكال دەپ قارىلىۋاتقان بىر قىسىم ئىسلامىي ئېقىملارغا باغلاپ چۈشەندۈرۈش تەشۋىقاتى، دۇنيانىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىدى. دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 2005 -يىللىق دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ۋەزىيەت ئۈستىدە ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، دىنىي ساھەدىن چىقىۋاتقان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ نامى ۋە شوئارى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مىللىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، مەسىلىنىڭ يىلتىزىنىڭ مىللىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر قەشقەردىكى ئۆلۈم جازاسى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
- تۈرك مەتبۇئاتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
- ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قەشقەردە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
- نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيىدە خىتاي ئولىمپىكىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق ئولىمپىك مەشئىلى ئامستېردامغا كەلدى
- 9 يىل بۇرۇن قورغاس ناھىيىسىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 7 ياشنىڭ قەبرىسى يۆتكىۋېتىلدى
- ئۈرۈمچىدىكى ساقچى - ئەدىلىيە مەكتىپىدە توقۇنۇش يۈز بەردى
- 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئىزنالىرى ئۇنتۇلمىدى
- خىتاي يەنىلا دۇنيا بۇيىچە ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ يۈرگۈزىدىغان دۆلەت
- بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئازاب ئوقۇبەتلىك سەرگۈزەشتىسى (2)
- " قەدىمكى گرېكلار 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئۆز قەبرىسىنى قازىدىغان بولدى"
- بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر كۈچەيمەكتە (2)