شىمالىي كورىيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىقتىن ئۈمىد پەيدا بولدى
2005.09.19
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قورال پىلانى مەسىلىسى بويىچە شىمالىي كورىيە، خىتاي، رۇسىيە، جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا قاتارلىق 6 تەرەپنىڭ 4 - قېتىملىق سۆھبىتى 7 كۈندىن بۇيان بېيجىڭدە داۋاملىشىۋاتقان ئىدى. ھەر تەرەپنىڭ تالاش - تارتىشى ناھايىتى جىددىي بولغان، ھەتتا ئۈمىدىسىزلىنىشمۇ كېلىپ چىققان ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۈگۈن بۇ سۆھبەت كۈتۈلمىگەن زور نەتىجىگە ئېرىشكەن. شىمالىي كورىيە بارلىق يادرو قورال پائالىيەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە ۋەدە بەرگەن. ھەممە ئەسلىھەلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلغان. كورىيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىقتىن ئۈمىد پەيدا بولغان. 6 تەرەپ ھەممىسى ئۆزلىرى ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەن. ئاخىردا 6 تەرەپ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.
شىمالىي كورىيە يادرو قورال تەرەققى قىلدۇرۇشتىن ۋاز كەچتى
6 تەرەپ سۆھبىتىدە مۇرەسسىگە كېلىنىپ ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئېيتىلىشىچە، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىدىن ۋاز كەچكەن ۋە يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك كېلىشىمىگە قايتىدىن قاتنىشىشقا، بۇ جەھەتتە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشقا ۋەدە بەرگەن.
ئامېرىكا كورىيە يېرىم ئارىلىدا يادرو قوراللىرى ئورۇنلاشتۇرمىغانلىقىنى، مۇنتىزىم قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىشنىمۇ پىلانلاپ باقمىغانقلىقىنى ئۇچۇق بايان قىلغان. شىمالىيكورىيە يادرو رېئاكتورىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان. پۈتۈن ئەسلىھەلىرىنى خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ تەكشۈرۈشىگە يول قويغان. 6 تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئورتاق نىشانى ئاخىرقى ھېسابتا كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى، ھەر قاچان تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە بولىدىغان رايونغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەن ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكىنىڭ باش ۋەكىلى خېل ئەپەندى "سۆزلىشىش ئارقىلىق 20 نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يادرو پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقنىڭ ئۆزى بىر چوڭ ئىش بولدى. كورىيىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى باي بولۇشى ئۇنىڭدا يادرو قوراللىرى بار - يوقلىقىغا باغلىق ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ قانداقلىقىغا باغلىق. ھازىرقى نەتىجە شىمالىي كورىيە ئۈچۈن تارىختىكى بىر مۇھىم سەھىپە بولۇپ قالدى" دېگەن. ياپونىيە ۋەكىلى شىمالىي كورىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەدرىجى نورماللاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن.
باياناتنىڭ مەزمۇنى
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6 تەرەپ سۆھبەت ئارقىلىق تۆۋەندىكى 6 ماددىغا بىرلىككە كەلگەن. باياناتتا ئېيتىلىشىچە:
6 تەرەپنىڭ ئورتاق نىشانى كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى رايونغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. شىمالىي كورىيە بارلىق يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىپ، يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك كېلىشىمىگە بالدۇر ئىمزا قويۇشقا ، خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ تەكشۈرۈش ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىشقا ۋەدە بەردى. ئامېرىكا كورىيە يېرىم ئارىلىدا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرمىغانلىقىنى، يادرو قوراللىرى ياكى باشقا مۇنتىزىم قوراللار بىلەن شىمالىي كورىيىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىمۇ يوقلىقىنى جاكارلىدى. جەنۇبىي كورىيىمۇ ئۆزىدە يادرو قوراللىرى يوقلىقىغا ياكى سىرتتىن يۆتكەپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرماسلىققا ۋەدە بەردى. ھەر تەرەپ شىمالىي كورىيىنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن يادرو ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ھۈرمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە مۇۋاپىق پەيتتە شىمالى كورىيىنى يادرو رىئاكتورى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
6 تەرەپ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى ب د ت نىزامنامىسىنىڭ ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىدۇ. شىمالىي كورىيە بىلەن ئامېرىكا بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقىغا ھۈرمەت قىلىدۇ. ئۆز- ئارا مۇناسىۋىئىتىنى تەدرىجى نورماللاشتۇرىدۇ. شىمالىي كورىيە بىلەن ياپونىيىمۇ بەختسىزلىك پەيدا قىلغان تارىخلاردىن ساۋاق ئېلىپ، ساقلىنىپ قالغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ مۇناسىۋىتىنى تەدرىجى نورماللاشتۇرىدۇ.
6 تەرەپ ئېنېرگىيە، سودا، ۋە مەبلەغ سېلىش جەھەتلەردە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى يولغا قويىدۇ. خىتاي، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا ئېنېرگىيە جەھەتتىن شىمالىي كورىيىگە ياردەم بېرىدۇ. جەنۇبىي كورىيە 2005 - 7 - ئايدا ئوتتۇرىغا قويغان 2 مىليون كلوۋات ئىلىكتىر قۇۋىتى بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى قايتىدىن ئۇچۇقلىدى.
6 تەرەپ شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تىرىشىشقا، كورىيە يېرىم ئارىلىدا مەڭگۈ تىنچلىقنى ساقلايدىغان تۈزۈم ئورنىتىش ئۈچۈن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا ۋە ئۇنىڭ يوللىرىنى بىللە ئىزدەشكە ۋەدە بەردى.
6 تەرەپ ئۆز - ئارا بېرىشكەن ۋەدىسى بويىچە بىردەك ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە تەپسىلىي تەدبىرلەرنىمۇ باسقۇچمۇ - باسقۇچ بىرلىككە كەلتۈرىدۇ.
6 تەرەپ 2005 - يىلى 11 - ئايدا 5 قېتىملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ھەر- بىر ماددىنى ئەمىلىلەشتۈرۈشنىڭ كونكېرت ۋاقىت جەدىۋىلىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىدى
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى تالاش تارتىشقا چۈشۈپ قالدى
- شىمالىي كورىيە ئۈچۈن پۇل ئاقلىغان ئاۋمېندىكى بىر خىتاي بانكىسى تەكشۈرۈلمەكتە
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى قايتا باشلاندى
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى ھەققىدىكى 6 تەرەپ سۆھبىتى 3 ھەپتىدىن كېيىن قايتا ئېلىپ بېرىلىدۇ
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىدى