8 - مارت دۇنيا خانىم قىزلار بايرىمىنى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللار ھەرخىل پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلىدى. قەيسىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللار قەيسىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە توپلىنىپ بۇ كۈننى خاتىرلەشتى. ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇر خانىم قىزلار بولسا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىگە جەم بولۇپ 8-مارت ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئاچتى. بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر خانىم قىزلار، تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاياللار جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئايال يازغۇچىلار، زىيالىلار ۋە ئۇيغۇر دوستلىرىدىن بولۇپ نۇرغۇنلىغان كىشى قاتناشتى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى شائىر نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم شەرقىي تۈركىستاندىكى خانىم قىزلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى تېمىسىدا، يازغۇچى شائىر نىھايەت خانىم بولسا تۈرك دۇنياسىدىكى خانىم قىزلارنىڭ ۋەزىيىتى، مېھرىنىسا قەشقەرلى خانىم بولسا تارىختىن بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر ئايال قەھرىمانلار ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى خانىم قىزلار دۇچار بولىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى تېمىسىدا سۆز قىلدى. يىغىندا يەنە ئاياللار ھەققىدە شېئىرلار دىكلاماتسىيە قىلىندى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.
