ئەزىز ئانىلار، خانىم - قىزلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن
2008.03.06
ئاتىلار دۇنيانىڭ تۈۋرۈكى بولغىنىدەك، ئانىلار دۇنيانىڭ گۈل - غۇنچىلىرىدۇر. ئاياللارسىز ئالەمدە گۈزەللىك،مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىق بولمايدۇ. ئاياللار ئۆز ئەقىل - پاراسىتى، تىرىشچانلىقى،ھالال مېھنىتى ۋە چىداملىقى بىلەن جەمئىيەت ۋە ئائىلە ئۈچۈن بەخت ۋە بايلىق يارىتىدۇ. كۆز ياشلىرى ۋە ئاچچىق تولغاقلىرى بەدىلىگە دۇنيانىڭ كەلگۈسى ئىگىلىرى بولغان پەرزەنتلەرنى ئاپىرىدە قىلىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالاممۇ "جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا"دېگەن مەشھۇر، پاساھەتلىك جۇملىلىرىنى پۈتۈن ئىسلامىيەت دۇنياسىغا قالدۇرۇپ كەتكەن.
ئانىلار ۋە ئاياللارنىڭ ئىنسانىيەت ئالىمى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتى بەكمۇ ئېغىر بولۇپ ئۇلار بەئەينى زېمىننى سۇغارغۇچى سۇ، ھاياتلىق ئۇچۇن ھاۋا بولۇشى كېرەك. ئاسارەت ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئانىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئالدىدا ئىنتايىن ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغان، شۇڭا ئۇلار ۋەتىنىنى قۇتقۇزغۇچى ئانا،مەسئۇلىيەتچان ئانا، مېھرىبان ۋە ئىقتىدارلىق ئانا بولۇش ئۈچۈن ئۆز تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشى كېرەك.
بىز ياۋروپا،ئامېرىكا قاتارلىق ھەر قايسى غەرب دۆلەتلىرىدە ۋەتىنىنىڭ ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاجايىپ بەدەللەر تۆلەۋاتقان، شىجائەت ۋە غەيرەت بىلەن ئۆزىنىڭ ۋىجدانى بۇرچىنى ئادا قىلىۋاتقان رەھبىرىمىز ۋە ئانىمىز رابىيە قادىر خانىمغا ئوخشاش تالاي ئانىلارغا ۋە خانىم - قىزلارغا ھۆرمەت بىلەن ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز ۋە ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر،ساغلاملىق ۋە كۈرەشلىرى ئۈچۈن پۈتمەس - تۈگىمەس غەيرەت - شىجائەت تىلەيمىز.
تۆۋەندە بىز 8 - مارت ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھەر قايسى كەسىپلەردە تىرىشىپ ئىشلەپ نەتىجە يارىتىۋاتقان بىر قىسىم خانىملارنىڭ يۇرەك ساداسىغا قۇلاق سالماقچىمىز. (ئايگۈل يۈسۈپ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سۆيۈملۈك ئانىلار، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللار 8 - مارت دۇنيا خانىم قىزلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى
- ئۇيغۇر ئاياللىرى بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەق - ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتامدۇ؟ (2)
- ئۇيغۇر ئاياللىرى بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەق - ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتامدۇ؟ (1)
- قىرغىزستاندىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كېڭىشى 8 - مارتنى تەبرىكلىدى
- ئۇيغۇرلار تۈرك دۇنياسى ئاياللار كېچىلىكىدە
- ئۇيغۇر ئاياللىرى كوممۇنىستلارنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ياشىماقتا
- خەلقئارا جامائەت ئاياللارنىڭ سىياسىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلماقتا
- ئەنقەرەدە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- 8 - مارت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە نەزەر
- ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى
- تۈركىيىدىكى تەشكىلاتلار 8-مارت ئاياللار بايرىمىنى كۈتۈۋالدى
- قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار 8-مارت ئاياللار بايرىمى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى
- ئۇيغۇرلار ئەنقەرەدىكى يەرمەنكىگە قاتناشتى









