
5 يىل ئىلگىرى، يەنى 2001 - يىلى 11 - سېنتەبىر كۈنى ئەل قائىدە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان 4 قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 2973 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇ پاجىئەلىك كۈننى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك ۋە ۋاشىنگتون شەھەرلىرىدە بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە نيۇ-يوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزى مەيدانىدا ياد ئېتىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرگە ئاتاپ گۈلچەمبىرەك قويدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، مۇراسىمدا نۇتۇق سۆزلەپ "بۇ كۈننى خاتىرىلەش، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۈچۈن تولىمۇ ھەسرەتلىك بىر ئىش، بىراق مەن قەسەم ئىچىمەنكى، مەن مەڭگۈ شۇ كۈنكى ئاچچىق ساۋاقنى ئۇنتۇپ قالمايمەن، دۈشمەن يەنىلا بىزگە ھۇجۇم قىلىش نىيىتىدە تۇرماقتا" دېدى.
دۇنيا سودا مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن 2973 نەپەر كىشىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى بىر ئارىغا جەم بولدى، مەيدانغا يىغىلغانلار ئىچىدە كىملەردۇ ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلغان بولسا، يەنە كىملەردۇر پەرزەنتى، ھەمراسى ۋە ياكى ئۇرۇق - تۇققانلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەر بولۇپ، مۇراسىمدا شۇ چاغدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىسىم - شەرىپى بىر- بىرلەپ ئوقۇلدى.
كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان شۇ مىنۇتلاردا "گۆھەر سېيىت" ناملىق ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئىسمىمۇ چاقىرىلدى.
گۆھەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى، دۇنيا سودا مەركىزى مەيدانىدا توپلاشقان كىشىلەر قاتارىدا "گۆھەر" نى چەكسىز سېغىنىش بىلەن ئەسلىدى. گۆھەرنىڭ دادىسى سېيىت ئاكان، ئانىسى پەرىدە خانىم ۋە سىڭلىسى زۆھرە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، زۆھرە ھەققىدە توختالدى.