ئۇيغۇرلاردا ئەيدىز ئاپەتكە ئايلانماقتا
2006.06.15
ئەيدىزنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلگەن دۇنيا خاراكتېرلىك ئاپەت ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم بولسىمۇ ،شۇنداقلا ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانغانلىقىمۇ كۆپ يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۆپ قېتىم تەكىتلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەمەلىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولالايدىغان ،ئەيدىز بىلىملىرىنى ئۆگەنگۈدەك ئۈچۈر مەنبەسى ئاز.
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارھازىر ئەيدىزگە قارشى تۇرۇشتا بىردىنبىر يول -ئالدىنى ئېلىش. ئالدىنى ئېلىشتىكى بىردىنبىر يول -- ئۇلارنى كەمسىتمەسلىك. كەمسىتمەسلىكتىكى بىردىنبىر يول -- ئەيدىز ھەققىدە توغرا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش. لېكىن"ئەيدىز ھەققىدە توغرا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش" تا، ئۇيغۇرچە تەشۋىقات ماتېرىياللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر مەنبەلىرى كەم بولىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئېلان قىلغانبەزى ئەيدىز بىلىملىرى ۋە ئۇچۇرلىرىدىمۇ نۇقسانلار ئاز ئەمەس. شۇ سەۋەبدىن بىز ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يەنى HIV دىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا دائىر ئىگىلىگەن بىر قەدەر ئىشەنچىلىك دەپ قارالغان ئۇچۇرلىرىمىزىمىز بىلەن تەمىن ئېتىشنى توغرا تاپتۇق.
سان - سېفىرلار ئەيدىزنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە
ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئەيدىز تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە 2006 - يىلى 3 - ئايدا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
ئۇيغۇرئېلىدا 1995 - يىلى تۇنجى HIV دىن يۇقۇملانغۇچى بايقالغان. 2006 - يىلى 3 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە HIV دىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 14235 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىمارى 437 نەپەر، ئۆلۈپ كەتكىنى 91 نەپەر. پۈتۈنخىتاينىڭ 10% نى ئىگىلەيدۇ. خىتايدا يۈننەن،خېنەن ۋە گۇاڭشىدىن قالسىلا، ئۇيغۇر رايونى 4 ئورۇندا تۇرىدۇ. يۇقۇملانغۇچىلار 15 ۋىلايەت،ئوبلاست ،شەھەرنىڭ 82 ناھىيە رايونىغا تارقالغان. مۆلچەرلىنىشىچە،ئەمەلىي يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 60000 دىن ئېشىپ كېتىدۇ.
2005 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ ئېلان قىلىشىچە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 20 مىليون، نوپۇسقا نىسبەتلەشتۈرگەندە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى خىتاي بويىچىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. تارقىلىش سۈرئىتى جەھەتتىمۇ ئالدىنقى قاتاردا. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى HIV دىن يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىگە مەركەزلەشكەن،يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5886 نەپەر ۋە 5519 نەپەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 80.1%نى ئىگىلەيدۇ. باشقا ۋىلايەت،ئوبلاست،شەھەرلەرنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىمۇ ئۆرلەۋاتىدۇ. يۇقۇم ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر جايلارئاساسلىق تۆۋەندىكىچە (HIV دىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى):
ئاقسۇ ۋىلايىتى 813 نەپەر؛ قەشقەر ۋىلايىتى 592 نەپەر؛ سانجى ئوبلاستى 253 نەپەر؛ باينغۇلىن ئوبلاستى 205 نەپەر؛ تۇرپان ۋىلايىتى 171 نەپەر؛ خوتەن ۋىلايىتى 128 نەپەر؛ قۇمۇل ۋىلايىتى 96 نەپەر؛ قاراماي شەھىرى 80 نەپەر.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يولى شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش بولۇپ، ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 84.2% نى ئىگىلەيدۇ.
جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق ۋە نامەلۇم سەۋەبلەردىن يۇقۇملىنىشنىڭ نىسبىتى ئۆرلەۋاتىدۇ، نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 11.03% ۋە 19.25%. ئايال يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئۆرلىمەكتە، ئومۇمىي ساننىڭ 17.1%نى ئىگىلەيدۇ.
2005 - يىلى 7 - ئايغىچە، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئارىسىدىكى HIV دىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 272 گە يەتتى، 2005 - يىلى ئانىدىن يۇقۇملانغان بالىلار 15 نەپەر. يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتنىڭ نىسبىتى 92%، ئۇيغۇرلار 88% نى ئىگىلەيدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋېرىدىكى سانلار
شىنخۇا تورىنىڭ 3 - ئاينىڭ 8 - كۈندىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىگە قارىغاندا "ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بايقىغاندىن تا ھازىرغىچە بولغان 8يىل جەريانىدا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەملەر سانى تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا .كۆلىمى 5 رايون 69 ناھىيىگە يەتكەن ، تەرەققىي قىلىش ، يامراش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا ، بۇلار ئارىسىدا ، غۇلجا ، ئۈرۈمچى ، قەشقەر قاتارلىق رايونلاردا ئەھۋال ناھايىتى ئېغىر . 90%دىن يۇقىرى ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ياشلار بولۇپ ، ياش دەۋرى بارغانسىرى كىچىكلىمەكتە . خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋەكىلى قەيسەرجان شىنخۇا ئاخباراتى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ،" ئەيدىز شىنجاڭنى غەمدە قويغان چوڭ ئىش بولۇپ قالدى" دېگەن. ئۇ يەنە ، جەمئىيەت ، ئامما ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنى كەمسىتمەسلىكىنى ، ئۇلارغا كۆيۈنۈشىنى ، ئۇلارنىڭ ئامال بار تېز ئەسلىگە كېلىشىگە ھەمدەمدە بولۇشىنى تەۋسىيە قىلغان .
ئەڭ يېڭى سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا ، غۇلجىدىكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ سانى 3900 گە يەتكەن ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نىسبىتى مەملىكىتىمىزدە 1 ئورۇندا تۇرىدىكەن . قەيسەرجان يەنە چۈشەندۈرۈپ ، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىدىكى سەۋەپ ، داۋالاش ۋاستىلىرى ، ئەسلىھەلىرى يېتىشمەسلىك ، مەبلەغدىكى كەمچىللىك ھەم ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ مەخسۇس تەربىيىسىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى دېگەن .
ئەيدىز ئۇيغۇرلاردا غۇلغۇلا قوزغىماقتا
ئەيدىزنىڭ تېخىمۇ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالىدنى ئېلىش ۋە ئەيدىز بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ھەر بىر ئىنساننىڭ مەسئۇلىيىتى! ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەيدىز ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ھەر خىل تور بەتلەرنىڭمۇ باش مۇلاھىزە تېمىلىرىغا ئايلانغان ، پىكىر بايان قىلغۇچىلار ئاساسەن ئۇيغۇرلاردا ئەيدىزنىڭ شىددەت بىلەن تارقىلىشىنى ئەخلاقىي- پەزىلەت ئېڭىنىڭ سۇسلىشىشى، ئېتىقادنىڭ ئاجىزلىشىشى، مىھىر - مۇھەببەتنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قىلىشى قاتارلىق ئامىللار بىلەن باغلاپ مۇلاھىزە قىلىشماقتا.
بەزىلەر ئۇيغۇرلاردا ئەڭ چوڭ ئىجتىمايى مەسىلىگە ئايلانغان ئەيدىز بىزنى تەشۋىش ئىلكىگە ئىلۋالدى. دەپ ئەندىشىسىنى بىلدۈرسە يەنە بەزىلەر ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەخىرسىز بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ:
"ئەيدىز نىمىدىن يۇقىدۇ ؟ جىنسى مۇناسىۋەت قىلساڭلار قاپچۇق تاقاڭلار . ساقال ئالغاندا تىغنى ئايرىم ئىشلىتڭلار . دوختۇرخاندا ئۇكۇل ئۇرغاندا يىڭنىننى ئالماشتۇرۇش كىرەك . مۇشۇ ئۇچ ئىشتا دىققەت قىلساڭلار ئەيدىز يۇقمايدۇ دېگەنگە ئوخشاش ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتلىرى بىلەنلا ئاللىبۇرۇن ئاپەتكە ئايلىنىپ ھەتتا ئائىلىلەرگىچە يۇقۇپ كىرىۋاتقان ئەيدىزنى كونتورۇل قىلىش ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رېئالنى ۋەزىيىتىگە ماس كەلمەي قالدى. بىزدە غايەر زور سۇرئەت بىلەن ئىلگىرلەپ ھەممە مىللەتنىڭ . بىشىغا ئۆتىۋالغان سان سىفىر نىمىشقا كۇندىن كۇنگە ئۆرلەپ كىتىۋىردۇ؟ بىزدە ئەخلاق بۇزۇلغاندىن كىين مۇشۇ ھالەتكە چۇشۇپ قالدۇقمۇ ؟ ساقال ماشىنىلىرى . ئۇكۇل يىڭنىلىرى ئالماشتۇرپ ئىشلىتىلمەيۋاتامدۇ؟ زادى نىمە سەۋەپ لىكىن ئىچنشىلىق يىرى ھىچكىمنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن كارى يوق .بىزدە ھازىر توپ توپ ئادەملەر ئۆلىۋاتىدۇ ، توپ توپ ئادەم ئۇلۇمنى كۇتۇپ ئازاپ ئىچىدە روھى بەرباتلىققا قاراپ يۇزلىنىپ ئۆيلرىدە ھەممە نەرسىدىن ئۆمىت ئۆزۇپ ياشاۋاتىدۇ . لىكىن كېچىلىك بەزمىخانىلار قاۋاقخانىلار توختاپ قالغىنى يوق بىزنىڭ ھازىر ئەڭ چىڭ تۇتىدىغىنمىز ئەيدىز تەشۋىقاتىنى قىلىش .ئائىللەرگىچە ئۇنىڭ ئالدىنىئىلىش توغۇرسىدا جانلىق چۇشەندۇرۇش." دېگەندەك پىكىرلەرنى بەرگەن.
چەكلىك تەدبىرنىڭ ئۈنۈمىمۇ چەكلىك
ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى پەقەتلا تەشۋىقات بىلەن چەكلەنمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر تىلىدىكى تەشۋىقات ماتېرىياللىرى يوق بولغاندىمۇ پەقەت ساۋاتلىقلار ئۈچۈنلا تەييارلانغان ۋارەقچىلەردىنلا ئىبارەت . شۇڭا بۇ خىل تەشۋىقاتنىڭ ئۈنۈمىنى بىر نىمە دېمەك تەس ئىكەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا تاماكا چەكمەسلىك كۈنى
- ئەيدىز بىلەن ئېلىشىۋاتقان ئايال
- ئىلىدا ئەيدىز ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ يامرىشىغا نېمىلەر سەۋەب بولىۋاتىدۇ؟
- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كىشىنى چۆچۈتكۈدەك ئېغىر بولماقتا
- خىتاي دائىرلىرى قويۇپ بەرگەن ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇجيا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى
- بىر ئەيدىز پىداكارىنىڭ ليۇداۋاندىكى زىيارەت خاتىرىسى
- خىتايدىكى ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندىنىڭ ئىز - دېرىكى ھازىرغىچە تېپىلمىدى
- ئاق ئالۋاستى قوينىدىكى ئۇيغۇرنىڭ نىداسى