
ئۇيغۇر داۋاز ئابدۇساتتار غۇجىئابدۇللا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق سىمدا مېڭىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشتى
تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارالىق سىم تاناپتا مېڭىش مۇسابىقىسى، يېقىندا كورىيىنىڭ پايتەختى سىئولدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۈر مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا 18 ياشلىق ئۇيغۇر داۋاز ماھىرى ئابدۇساتتار غوجىئابدۇللا ئېرىشتى.
ئابدۇساتتار غوجىئابدۇللا، سىئولدىكى خان دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئىگىزلىكى 22 مېتىر كېلىدىغان ئىككى تۆۋرۈك ئارىسىغا تارتىلغان مىڭ مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سىم تاناپتىن، 11 مىنۇت 22 سىكۇنت 49 دەقىقىدە مېڭىپ ئۆتۈپ، قالغان 9 دۆلەتتىن كەلگەن ماھىرلاردىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.

" پەلەك شاھى" دەپ نام ئالغان ئادىل ھۇشۇرنىڭ شاگىرتى ئابدۇساتتار غوجىئابدۇللا سىئولدىن قايتىپ كېلىپ، بېيجىڭدا مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفۇن زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى شۇنىڭدەك چىمپىيۇنلۇق تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
سىئولدىكى مۇسابىقىگە ئابدۇساتتار بىلەن بىرگە بارغان ئادىل ھۇشۇر ۋە قىز داۋاز ئايشەمگۈلمۇ زىيارىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى.
مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ ئۇيغۇر داۋازلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ. (ئەقىدە)
