Dru Gladney كانادا CBC تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00
Dru-Gladney-200.jpg
پروفېسسور Dru Gladney. image courtesy: Pomona College

ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتروپولوگىيە پەنلىرى پروفېسسورى ، تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس Dru Gladney كانادا CBC دۆلەتلىك تەلىۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسى ئەھۋالى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى تەلەپلىرى ۋە 11- سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

Dru Gladney ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايدىكى باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ پەرقى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتلەر ھەققىدە توختىلىپ:

ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار خىتايدىكى 10 مۇسۇلمان خەلقنىڭ بىرى. خىتايدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئاز دېگەندە 11 مىليون مۇسۇلمان بار. بۇ مۇسۇلمانلار خىتايدىن ئايرىلىشقا ۋە رادىكال ئىسلامغا ئانچە قىزىقمايدۇ. شىنجاڭدىكى مەسىلە بولسا ھەرگىزمۇ مۇسۇلمان ۋە ئىسلام مەسىلىسى ئەمەس، ئۇ پەقەتلا ئۇيغۇر مەسىلىسىدۇر. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئاپتونومىيەنى تەلەپ قىلىش ۋە ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ئارزۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدۇر. مېنىڭچە، 11-سىنتەبىر ۋەقەسى ۋە ئافغانىستاندىكى تالىبانلارغا قارشى ئۇرۇش خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تەررورىست قىلىپ كۆرستىش ئۈچۈن بىر پۇرسەت بولدى، دېدى.

مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپەيمەكتە

Dru Gladney ب د ت ۋە ئامېرىكىنىڭ شەرقى تۇركىستان ئىسلامىي ھەركىتى تەشكىلاتىنى تېررورچى تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە قۇشۇلۇشىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى دەسمايە بولغانلىقىنى، ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

" ئۇيغۇر رايۇنىدا 90 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرى بەزى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشى تۇتقۇن قىلىندى. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر خىتايدىن قۇتۇپ، قوشنىلىرى بولغان مەركىزى ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ئوخشاش مۇستەقىل شەرقى تۇركىستان ياكى ئۇيغۇرىستان قۇرۇشنى ئارزۇ قىلدى. 2000 – يىلىدىن باشلاپ بۇ خىل ئىدىيىدىكى ئۇيغۇرلار تېخىمۇ كۆپەيدى. ئامما 2000 - يىلىدىن كېيىن بۇ رايوندا تەشكىللىك زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرمىدۇق. . قىزىق يېرى شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق ئۇرۇشى ھېسابلانغان 11- سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن ھەمكارلاشتى. بۇنىڭغا جاۋابەن شەرقى تۇركىستان ئىسلام ھەركىتى ناملىق تەشكىلاتنى ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئارقىلىق تېررورىست تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاي باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىمۇ تېررورىست تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. لېكىن، كۆپلىگەن كىشىلەر شەرقى تۇركىستان ئىسلام ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر رايۇنىدا تەسىرى يوقلىقى ۋە ئۇنىڭ خىتايغا ھەرگىزمۇ تەھدىت بولمىغانلىقىدا چىڭ تۇرماقتا".

خىتايلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى يۇقۇرى

Dru Gladney خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمنى بانا قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتكەنلىكى ۋە بۇ رايونغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:

"خىتايلارلا ئەمەس، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تېررورىزىمنى ئۆزلىرىگە تەھدىت دەپ قاراپ، ھەدىسىلا ھەربى خىراجەتنى ئاشۇرماقتا. خىتاي بەزى ئۇيغۇرلارنى تېررورىزم بىلەن باغلاپ، ئۇلارغا ئۆلۇم جازاسى بەرگەن بولسا، ناھايىتى كۆپ ھەربىنى بۇ رايونغا ئورۇنلاھتۇردى. بۇ رايۇننى تەرەققى قىلدۇرۇش دېگەن نام بىلەن ناھايىتى خىتاي كۆچمەنلىرىنى بۇ رايونغا كۆچۈرۈپ چىقتى. خىتاي جىنايى ئىشلار جىنايەتلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان دۆلەت. ھۆكۈمەت دائىرلىرى ئالدىنقى يىلى 84 مىڭ كىشىنىڭ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن قولغا ئەلىنغانلىقىنى ئەتىراپ قىلدى. ئۇيغۇر رايۇنىدا كۆپىنچە خىتاي پۇخرالىرى ھەرخىل ۋەقەلەردە ئەيىپلىنىپ، قولغا ئەلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سەلىۋاتىدۇ، دەپ تەشۋىق قىلماقتا. بۇ خىل سىياسەت خىتاينىڭ بۇ رايوننىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىدىن كېلىپ چىققان">

ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادا يەكلەنمەكتە

Dru Gladney ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەرگە قارىتا خىتاينىڭ بەسىمىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ:

"بۇنىڭدىن 10 يىل مۇقەددەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدا تۇرىۋاتقان مەركىزى ئاسىيانى پەقەت ئۇيغۇر رايۇنى خىتاينىڭ تەسىرىدىن توسسۇپ كەلگەنىدى. خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا ھەتتا بۇ مەسىلىسىنى قوللاشنى چەكلىمەكتە. شۇڭا ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيادا دۆلەتلىرىدە چەتكە قېقىلماقتا. مېنىڭچە، بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر چەتئەللەردە ياشايدۇ. بۇ ئومۇمى ئۇيغۇرلار سانىنىڭ 1/8 بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار بارغانسىرى دۆلىتى ۋە ۋەتىنى يوقلىقىنى ھەس قىلماقتا. ئۇلار مەركىزى ئاسىيا دۆلەتلەرنىڭ ھېچ بىرىنى ئۆزىنىڭ دۆلىتى، دەپ قارىمايدۇ. مانا بۇ ئامىللارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇش ئىرادىسىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ".

رادىكال ئىسلامچىلارنىڭ كۆزى ئۇيغۇرلاردا

Dru Gladney خىتاينىڭ ئىختىسادى يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئىشسىزلىق ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتايلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ:

"ئەتراپىدىكى دۇنياغا قىزىققان كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاينىلا ئەمەس، دۇنيانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىپ كەلگەنىدى. بۈگۈن ئۇلار پاسسپورت ئىشلىتىش ۋە خىزمەت ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم بولدى. ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە سىقىلغانلىقتىن، تاشقى دۇنياغا ئىنتىلمەكتە. ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق تەرىپى شۇكى، تاشقى دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشى بارغانسېرى ئاشماقتا. بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا تونۇلىشىدىكى مۇھىم بىر قەدەم".

Dru Gladney سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر رايۇنى بىلەن قوشنا بولغان پاكىستان ۋە ئافغانىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەردىكى رادىكال ئىسلامچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە تارتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا كۆز تىكىۋاتقانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتىدۇ. (كامىل تۇرسۇن)