ماي بايرىمى، خىتايدا ئەمگەكچىلەرگە ھەقىقىي بايراممۇ؟
2007.05.03
دۇنيادىكى خىتاي باشلىق بىر قانچە كوممۇنىست دۆلەتلەر 1 - ماي كۈنىنى "خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى" بېكىتكەن. خىتايدا 1- ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى ھەمدە 1- ئۆكتەبىر خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە مەملىكەت بۇيىچە بارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىر ھەپتىلىك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
خىتايدا بۇ ئىككى ھەپتە ساياھەتچىلىكنىڭ ئالتۇن ھەپتىلىكى دەپمۇ ئاتىلىپ كەلمەكتە. خىتاي تور بەتلىرىدىكى تورداشلارنىڭ مۇلاھىزىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە بۇ قېتىملىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدە خىتايدا ساياھەتكە چىقىدىغانلار سانى پەۋقۇلئاددە كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ،خىتايدا ئەمگەكچىلەرنىڭ ئورنىنىڭ تۆۋەنلىكى،ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ھەمدە بەزى كارخانىلاردىكى قاتمال ئىش تۈزۈلمىسى قاتارلىقلار سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئەمگەكچى خەلق ئۆزىنىڭ بايرىمىدىمۇ يەنىلا ناچار شارائىتتا جاپا چەكمەكتە ئىكەن. شۇڭا بەزىلەر ئاتاقتىكى ئەمگەكچىلەر بايرىمىتوغرىسىدا " خىتايدىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ بايرىمى يوق " دەپ مۇلاھىزە قىلىشماقتا.
"ئەمگەكچىلەر ھەممىدىن شەرەپلىك"
1 - ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى گەرچە ئامېرىكا ئىشچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىش سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن 2 - ئىنتېرناتسىئۇنال تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ ئاساسەن كوممۇنىست ۋە سولچى دۆلەتلەرنىڭ بايرىمى بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ بايرام مەزگىلىدە خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا " ئەمگەكچىلەر ھەممىدىن شەرەپلىك"، " ئەمگەك دۇنيانى ياراتقان"،" ئەمگەكچى خەلق ئاممىسىدىن ھال سورايمىز"، " ئىنساننى ئەمگەك ياراتقان" دېگەندەك ئەمگەكنى، ئەمگەكچىلەرنى كۈيلەيدىغان شوئارلارنى كۆرىمىز.
گەرچە خەلقارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا خىتايدا ئەمگەكچىلەرنىڭ ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغانلىقىدەك تۇيغۇ بەرسىمۇ، ئەمما خىتايدا ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەقىقىي ئورنى يەنىلا تۆۋەن.
خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتلىرىدىمۇ، خىتايدا ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەق- ھوقۇقىنىڭ دەپسەندىچىلىككە ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى بولۇپمۇ، ئەمگەكچىلەرنى ئارتۇق ئىشلىتىش، مەجبۇرىي ئىشلىتىش، قورامىغا يەتمىگەن بالىلارنى ئىشلىتىش، ئايال ئىشچىلارنى خارلاش، سېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ئىسپاتلىنىپ كەلمەكتە.
دېمەك، خىتايدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەقىقىي ئورنى ئىنتايىن تۆۋەن بولماقتا ئىكەن. خىتاي خەۋەر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىشىچە، خىتايدا 1 - ماي ئالتۇن ھەپتىلىكى دەم ئېلىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان يەنى2000 - يىلىدىن بۇيان ساياھەتچىلەر سانى بىر مىليارد 630 مىليونغا يەتكەن. بۇ قېتىملىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى باشلىنىشى بىلەنمۇ خىتايدىكى ساياھەتچىلەر شىددەت بىلەن ئۆرلىمەكتە ئىكەن.
ئەمما، ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا دەم ئېلىشقا تېگىشلىك ھەر كەسپلەردە جاپا چېكىۋاتقان خىتاي ئەمگەكچىلىرى بولسا، ئالتۇن ھەپتىلىكتىكى مۇشۇ ساياھەتچىلەر دولقۇنىغا خىزمەت قىلىش، ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىكەن.
يەنى، ساياھەتچىلەرنى توشۇيدىغان قاتناش ۋاستىلىرى، ساياھەتچىلەرنى يىمەك - ئىچمەك بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەت ئورۇنلىرى، ئۇلار كۆڭۈل ئاچىدىغان ئورۇنلار، كۆزدىن كەچۈرىدىغان گۈزەل مەنزىرىلىك جايلار، ھەتتا ئۇلارنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن پاسكىنا ئەخلەتلىرىنى تازىلاپ مۇھىتنى قوغدايدىغان، ئامانلىقنى، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغدايدىغان ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە يەنىلا ئەمگەكچى خەلق دەم ئالماي داۋاملىق خىزمەت قىلىشقا ھەتتا ئادەتتىكىدىن ئارتۇق ھەم جاپالىق خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ بەدىلىگە ئالغان مائاشى ئادەتتىكىدىن يۇقىرى ھېسابلانمايدىكەن.
ئەمگەكچىلەر ئۆز بايرىمىدىمۇ ئۈن تىنسىز ئەمگەك قىلماقتا
خىتاي مۇلاھىزە تور بەتلىرىدە، خىتايدىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئۆز بايرىمىدىكى ئەھۋالىنىڭ، ئەمگەكچىلەرنىڭ خىتايدىكى دەل ئەمەلىي ئورنىنىڭ كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر يۇقىرى دولقۇننى ھاسىل قىلغان بولۇپ، " ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا ئەمگەكچىلەر ئۈن تىنسىز بەدەل تۆلىمەكتە" خىتايدا ئەمگەكچىلەر "، "ئالتۇن ھەپتىلىك كىم ئۈچۈن بايرام"، "جۇڭگودا يەنە كىم ئەمگەكچى بولۇشنى خالايدۇ" دېگەن تېمىلاردا مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلغان.
بۇ ئېلىپ بېرىلغان مۇلاھىزىلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەكچىلەرگە قاراتقان سىياسىتى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئورنىغا ئەھمىيەتسىز قاراۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتلەنمەي كېلىۋاتقانلىقى تەنقىدلەنگەن بولۇپ، بەزىلەر " ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا ساياھەت قىلىۋاتقان ئادەم دېڭىزى ئىچىدىكىلەرنىڭ قانچىسى ئەمگەكچىلەردۇ؟ " دېگەندەك سوئاللارنى قويسا، يەنە بەزىلەر " خىتايدا ئەمگەكچىلەرگە بايرام يوق، بايرام بولسىمۇ دەم ئالغۇدەك، ساياھەت قىلغۇدەك، كۆڭۈل ئاچقىدەك ئىقتىسادقا ئىگە ئەمگەكچى كەمدىن- كەم" دېگەندەك بايانلار يېزىلغان.
شۇنداقلا بەزىلەر " خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ئالتۇن ھەپتىلىكى خىتاينىڭ خەلقنى پۇل خەجلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ ساياھەتتىن ھەم ساياھەت مۇلازىمىتىدىن تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان ھەپتىلىكى، ئويلاپ كۆرسەك بۇ يەردە قۇربان بېرىۋاتقان يەنى ئالتۇن ھەپتىلىكتە كۆپلەپ ئىشلەۋاتقانلار يەنىلا ئەمگەكچى خەلق، بۇ قانداقمۇ ئۇلارنىڭ بايرىمى بولسۇن؟ بۇ پەقەت كوممۇنىستلارنىڭ شەكىلۋازلىقى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقات قىلىپ ئەمگەكچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۇۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالغاندىن سىرت يەنە،شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئەمگەكچىلەرنىڭ كۈچىدىن ھەتتا ئەمگەك ھەققىدىن مەنپەئەتلىنىۋاتىدۇ" دېيىلگەن.
يەنە بەزىلەر " خىتايدا ھەر يىلى ئىككى ئالتۇن ھەپتىلىكتە بارلىق مەمۇرىي ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى كادىر، خىزمەتچىلەر، شىركەت - كارخانىلاردىكى كاتتىباشلار ھەپتىلەپ دەم ئېلىۋاتقاندا، بىچارە ئەمگەكچىلەر يەنىلا پۇلنى تېجەپ بايرام مەزگىلىدە ئارتۇق ئىشلەپ كىرىم قىلىپ جېنىنى بېقىشنىڭ غېمىدە. ھەتتا بەزى ئورگانلاردا 24 سائەت ئامانلىقنى قوغداش كۆزەتچىلىكىدە ئىشلەيدىغانلارمۇ بار، ئەمگەكچىلەر بايرامدىمۇ يەنىلا شۇ ئاز ساندىكى كادىر ياكى كاتتىباشلارنىڭ ياخشى، خاتىرجەم دەم ئېلىشى ئۈچۈن قان تەر تۆكمەكتە."
"ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى دەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان چوڭ زىياپەتلەردە كادىرلار ئەمگەكچىلەردىن ھال سورىغىلى كەلدۇق دەپ چوڭ سۆزلەپ قويۇپ چاۋاكتىن كېيىن قىممەتلىك غىزالاردىن تېتىپ كۆرۈشكە ئالدىرايدۇ، بايرام شادلىقىدا كۆپ ئىچىپ مەس بولۇپ قالىدۇ، مانا شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا غىزا ئېلىپ كېلىۋاتقان، ئۇلارنىڭ رومكىلىرىغا ھاراق قۇيۇۋاتقان، مەس بولغانلىرىنى يۆلەپ، قۇسۇقلىرىنى تازىلاۋاتقانلار يەنىلا جۇڭگونىڭ ئەمگەكچىلىرى. ئۇلار ئۇن تىنسىز پىداكارلىق كۆرسەتكۈچىلەر " دەيدۇ.
"ئالتۇن ھەپتىلىك"نامۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش
خىتاي " نەزەر " جورنىلىدا ئېلان قىلىنغان "ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان ئەمگەكچىلەر دەم ئالالمايدۇ دېگەن ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئالتۇن ھەپتە ساياھەتچىلىكى مەزگىلىدە ھەر خىل ئاممىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرىگە ئادەتتىن تاشقىرى بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل كەسىپلەر ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا ئادەم كۈچىگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولىدىكەن. ھەتتا بەزى ئورۇنلاردا ئەمگەكچىلەر بىر كۈنمۇ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلمەيدىكەن.
ماقالىنىڭ ۋۇخەن يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدا ئىشلەيدىغان ۋۇ فامىلىلىك بىر شوپۇرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ۋۇ شوپۇر ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنى 12 سائەت ئىشلىگەن بولۇپ،ھەر قېتىملىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن ئالدىراش بىر كۈن بولىدىكەن. ئۇ مۇخبىرغا "مېنىڭچە بايرامدا ھەممىدىن ياخشى خاتىرجەم دەم ئالالايدىغانلار ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلەيدىغانلار" دېگەن.
ساياھەت ئورۇنلىرى، مۇھىت تازىلاش ئورۇنلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا بايراملىق دەم ئېلىش دېگەن ئۇقۇم يوق بولۇپ خىزمەت قىلىش ۋاقتى ھەم ئەمگەك سىجىللىقى ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدىن ئىككى، ئۈچ ھەسسە ئېغىر بولىدىكەن. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ۋېن جەندۇڭنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ئەمگەكچىلەر ئالتۇن ھەپتىلىكى ساياھەتچىلىك بىلەن تەڭ ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرگىنى بىلەن ئەمگەكچىلەرنىڭ دەم ئېلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش رېتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
ئەمگەكچىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلىپلا قالماي، ساياھەتچىلىك تەڭپۇڭسىزلىقى، ئىستىمال تەڭپۇڭسىزلىقى، ھەتتا باھا تەڭپۇڭسىزلىقى ھەمدە مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىشى، قاتناش توسالغۇسى قاتارلىق بىر قاتار جەمئىيەت تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
شۇڭا خىتايدا بىر قىسىم جەمئىيەت ھەمدە ئىقتىساد تەتقىقاتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالتۇن ھەپتىلىك دەم ئېلىشنى يولغا قويۇشىنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ئىكەن. خىتايدىكى خەلق ئىشلىرى دائىرىلىرىنىڭ 2006 - يىلىدىكى راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 80% ئەمگەكچى خەلق ئالتۇن ھەپتىلىك دەم ئېلىشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايدىكەن.
خىتاي خېشۇن تور بېتىنىڭ مۇئاۋىن باشقۇرغۇچىسى ما شاۋپىڭنىڭ نەزەر جورنىلى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ھازىرقى خىتايدىكى ئالتۇن ھەپتىلىك دەم ئېلىش، ئوتتۇرا قاتلام كىشىلىرى يەنى ئاساسلىق ساننى تەشكىل قىلىدىغان ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتقان بولۇپ ئۇلار بۇ بايراملىق دەم ئېلىشنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلغان ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن".
خىتايدىكى ھەر قايسى دەرىجىلىك جەمئىيەت ۋە ئەمگەكچىلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىلىرى دەل مۇشۇنداق بايرام مەزگىلىدە ئىشچى - ئەمگەكچىلەرنىڭ نارازىلىق ئەرزلىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ تاپشۇرۇۋالىدىكەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىگە قارىغاندا، خىتايدا 1 - ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا نۇرغۇن مۇلازىمەت، مەمۇرىي ئورگانلار، پەقەت بىر قانچە خىزمەتچىنى كۆزەتچىلىككە قويۇپ ئاساسەن ئالتۇن ھەپتىلىك دەم ئېلىشقا كەتكەچكە،مۇھىم ئېھتىياجلىق بولغان ئورگانلارنىڭ ھەممىسى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغاچقا، خەلقنىڭ توي قىلىش رەسمىيىتى ئۆتەش، سوتقا ئەرز قىلىش، ئۆي سېتىۋېلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش دېگەندەك جىددىئى ئىشلىرىنى بېجىرىش ۋە ئومۇمىي خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىكەن.
شۇڭا ئومۇمىي خەلقنىڭ مەنپەئەتىدىن قارىغاندا، خىتايدىكى بايرام مەزگىلىدىكى ئالتۇن ھەپتىلىك دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامۇۋاپىق بىر دۆلەت تۈزۈلمىسى بولماقتا ئىكەن.
بۇ ھەقتە خىتاينىڭ خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتېيىدىمۇ ئالتۇن ھەپتىلىك دەم ئېلىشنى ھەر ئايغا بۆلۈپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدىمۇ پىكىرلەر بولغان. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەن. خىتاي دائىرىلىرى پەقەت ئالتۇن ھەپتىلىك دەم ئېلىشتا ھەر ساھەلەرنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىگە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى ئېلىشىنى تەكىتلىمەكتە خالاس. (گۈلچەھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئىشچىلار، 1 - ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنى نامايىشلار ئۆتكۈزدى
- كىم كىمنىڭ دۈشمىنى؟ (2)
- ئامېرىكىدا مۇستەقىللىق بايرىمى
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تۇرك دۇنياسى فېستىۋالغا قاتناشتى
- قىرغىزىستاندا مىللەتلەر مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي تۈرمىلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەيىبلەيدىغان قارار ماقۇللىدى
- بېشكەكتە قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىللىق بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
- 8- نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى سەنئەت بايرىمى باشلاندى
- كانادادىكى ئۇيغۇرلار خەلقئارا مىللەتلەر مەدەنىيەت بايرىمىغا قاتناشتى
- بېيجىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى