خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە مىنىستىرى شىر ئەلىخان ھاجىم سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشىغان

1931- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدىن باشلانغان خەلق قوزغىلىڭى خوتەن خەلقىنىمۇ ئىنقىلاب مەيدانىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، شىر ئەلىخان ھاجىم ئەنە شۇ ۋاقىتتىكى خوتەن ئىنقىلابىنىڭ پىدائىيلىرىدىن بىرى ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009-02-25
Share

"تۈركىستاندا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەر" دېگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى مۇھەممەد قاسىم ھاجىم مەزكۇر ئەسىرىدە شىر ئەلىخان ھاجىم توغرۇلۇق مۇنۇلارنى يازغان: " شىر ئەلىخان ھاجىم 1888- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن شەھەر ئىچىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئىپتىدائىي تەلىمىنى خوتەن شەھىرى ئىچىدە پۈتتۈرگەن ئىكەن. شىر ئەلىخان ھاجىم خوتەندە باشلانغان خەلق ئىنقىلابىغا ئاكتىپ قاتناشقانلارنىڭ بىرى بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئىنقىلابتا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى سەۋەبلىك يېڭى قۇرۇلغان خوتەن مىللىي ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكى قوراللىق كۈچلەردىن چوڭ بىر پىرقىنىڭ پىرقە قوماندانلىقىغا كۆتۈرۈلگەن، كېيىنچە يەكەن شەھىرىنىڭ ۋاقىتلىق ھاكىملىقىنى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا خوتەن مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان."

شىر ئەلىخان ھاجىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتى

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم شىر ئەلىخان ھاجىمنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:" شىر ئەلىخان ھاجىم ئەسلى خوتەنلىك بولۇپ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىمنىڭ ئىنقىلابىدا بىرگە بولغان. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىم كەشمىرگە چىققان ۋاقتىدا بىرگە چىققان، لاھور قاتارلىق شەھەرلەرنى ئايلىنىپ ئافغانىستانغا بىرگە بارغان. چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدە پارتلىغان خەلق ئىنقىلابى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى مەغلۇب بولۇپ، خوتەن رايونىنى تۇڭگانلار ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، شىر ئەلىخان ھاجىم 1933- يىلى بۈيۈك ئىنقىلابچى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرگە ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1934- يىلى شىر ئەلىخان ھاجىم مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن خوتەننى ئىشغال قىلىپ تۇرغان تۇڭگانلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن مەخسۇس ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىدۇ. لېكىن بۇ سۆھبەت كۆزلىگەن نىشاندىن خېلىبەك يىراق بولغانلىقتىن نەتىجىسىز قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شىر ئەلىخان ھاجىم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئىجازىتى بىلەن ھىندىستاندىن ئايرىلىپ مەككىگە قاراپ يول ئالىدۇ. شىر ئەلىخان ھاجىم مەككىگە كەلگەن ۋاقىتلاردا خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ھەربى ئەمەلدارى گېنېرال مەھمۇد مۇھىتىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېتىپ كېلىدۇ ۋە ئۇلار ئۇچرىشىدۇ. ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەممىسى ئىستانبۇلغا قايتىدۇ. مەھمۇد مۇھىتى ياپونىيىگە ھىجرەت قىلماقچى بولۇپ شىر ئەلىخان ھاجىمنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كېتىش تەكلىپىنى قويغاندا، شىر ئەلىخان ئۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ ۋە مەھمۇد مۇھىتىنى توكيوغا يولغا سېلىپ قويۇپ، ئىستانبۇلدىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قايتىپ كېلىدۇ."

شىر ئەلىخان ھاجىمنىڭ ۋاپاتى

شىر ئەلىخان ھاجىم مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ياشاش جەريانىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق مەسىلىلەردە خۇددى جانلىق قامۇسقا ئوخشاش تىرىك شاھىد ئىدى. شىر ئەلىخان ھاجىم سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ۋاپات بولغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت