تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى شەرقىي تۈركىستانچىلارغا باغلىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى

پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىۋاتقان كۈنىمىزدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا تېرورلوق ھۇجۇمى ئېلىپ بارماقچى بولغانلىقىنى ھەتتا بىئوخىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتمەكچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا ياراتتى.

تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ جايلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، كۆپ ساندا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى بۇ ھەقتە نېمىلەرنى ئويلىماقتا؟

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.