ئۇيغۇر ۋەكىللىرى UNPO ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا قاتناشتى


2007.12.07

ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 2007 - يىللىق 2 - قېتىملىق يىغىنى 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە قەدەر گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋەكىلى بولمىغان 60 تىن ئارتۇق مىللەتنىڭ ئەزا بولۇشى بىلەن قۇرۇلغان ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2006 - يىلى 8 - ئايدا تەيۋەندە چاقىرىلغان ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى UNPO نىڭ قۇرۇلتىيىدا، UNPO ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىقىغا سايلانغان بولۇپ، 250 مىليوندىن ئارتۇق خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ تەشكىلاتنىڭ 11 نەپەر ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزاسىنىڭ بىرى بولغان.

مەلۇمكى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارادىكى تەسىرلىك ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار بولسا ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ د ئۇ ق نىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى ھازىرغا قەدەر UNPO بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلماقتا. د ئۇ ق 2007 - يىلى 5 - ئايدا چاقىرىلغان "ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسى"نى گوللاندىيىنىڭ داھائاگ شەھىرىدە UNPO بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان ئىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا كېلەر نۆۋەتلىك "ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسى" نى يەنىلا UNPO ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇزاكىرىسىمۇ بولۇپ ئۆتكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، د ئۇ ق خىتايدا 2008 - يىلى ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى UNPO بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ۋە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ خارلىنىش مەسىلىسىنى دۇنيا جامائىتىگە تونۇتۇش جەھەتتە ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن. UNPO بىلەن د ئۇ ق يەنە ياۋرۇپا بىرلىكى، ب د ت ۋە بارلىق دېموكراتىك ئەللەرگە قارىتا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى پاش قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ پىلان - پروگراممىلىرىغا ئىگە ئىكەن.

د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا يەنە ، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە " گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى" تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بارغان سىياسىي پائالىيەتلىرىدىن مەلۇماتلار بەرگەن ۋە قۇرۇلتاينىڭ گوللاندىيە ئۇيغۇرلىرىدىن كۈتىدىغان تەلەپ - ئىستەكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.

بۇ پائالىيەتنىڭ جەريانى ھەققىدە دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.