خىتاي نېفىت شىركىتى ئامېرىكىنىڭ Unocal نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن باھا تالاشتى


2005.06.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
CHINA-OIL-22.jpg
نېفىت ئىشچىسى تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىت بازىسىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارماقتا. AFP

Unocal دەپ ئاتالغان بۇ شىركەتنىڭ تولۇق ئىسمى "كالىفورنىيە بىرلەشمە نېفىت شىركىتى" بولۇپ، بۇ ئامېرىكا نېفىت شىركەتلىرى ئارىسىدا 9 - ئورۇندا تۇرىدىغان شىركەت. بۇ يىل 4 - ئايدا باش شىتابى كالىفورنىيەدىكى "شېۋرون" نېفىت شىركىتى Unocal نى 16 مىليارد 6 يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە شېۋروننىڭ بۇ تەكلىۋى Unocal شىركىتى تەرىپىدىن دەسلەپكى قەدەمدە قوبۇل قىلىنغان ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ 3 - چوڭ نېفىت شىركىتى بولغان "خىتاي دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى" 7 - ئىيۇن كۈنى شىركىتىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن "شېۋرون" بىلەن باھا تالىشىپ، ئۇنىڭدىن 1.5 مىليارد دوللار ئۈستۈن باھا قويدى شۇنداقلا توختامنى بۇزۇش ھەققى ئۈچۈن "شېۋرون" شىركىتىگە 500 مىليون دوللار تۆلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خىتاينىڭ ھازىرغىچە چەتئەل شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن قويغان ئەڭ يۇقىرى باھاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

Unocal شىركىتى گەرچە بۇ ھەقتە دەرھال قارار چىقارمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار خىتاينىڭ بۇ تەكلىپىنى ئويلىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان "ۋولسترىت ژورنىلى" دا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، "خىتاي دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى" نىڭ باشلىقى فۇ چېڭيۈ خىتاينىڭ بۇ باھانى پەقەت بىر دوستانە يولدا قويغانلىقىنى، شۇنداقلا Unocal دىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئورنىنىڭ داۋاملىق ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ئۇلار بۇ تەكلىپنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.

Unocal نىڭ ئاساسلىق نېفىت مەنبەسى جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا

بۇ بىر ئەركىن سودا بولمىدى. بۇ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇشى.

Unocal نېفىت شىركىتىنىڭ ئاساسلىق نېفىت مەيدانى جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۈستۈنلۈككە ئالاھىدە قىزىققان. ئەمما خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىش تەلىپى، ئامېرىكىدا بىر مەيدان جىددىي بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلدى ھەمدە بىر قىسىم سىياسونلار بۇنى سېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىنى ئويلۇشۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ تەكلىپىمۇ يەنىلا ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ چەتئەل مەبلەغلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تەپسىلىي كۆزدىن كۆچۈرۈلمەكچى.

خىتاي بۇ باھانى قويۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئامېرىكىنىڭ ئىككى نەپەر جۇمھۇرىيەتچى دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى بۇش ھۆكۈمىتىگە خەت سۇنۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي شىركىتىنىڭ Unocal نى سېتىۋېلىشىنى توسىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار خىتايدىكى دۆلەت ئىگىلىگىدىكى شىركەتلەرنىڭ تامامەن ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلىقى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق "خىتاي دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى" نىڭ ئامېرىكىدىكى ھەقىقىي شەخسىي شىركەت بولغان "شېۋرون" بىلەن باھا تالىشىشىنىڭ ئەركىن سودا بەلگىلىمىسىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ئادىل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

"خىتاي دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى" نىڭ 70٪ دەسمايىسىگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىگە

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، "خىتاي دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى" نىڭ 22 مىليارد ئامېرىكا دوللار دەسمايىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ 70٪ ئىگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىگە ئىكەن. شۇنداقلا بۇ شىركەت، پۈتۈن دۇنيادا نېفىت باھاسى جىددىي ئۆرلەۋاتقان ھەمدە نېفىتكە بولغان ئېھتىياج ۋە نېفىت تەمىناتى ناھايىتى قىس بولىۋاتقان بىر پەيتتە بۇ باھانى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە 1 مىليارد 3 يۈز مىليون كىشىنىڭ سانائەت ۋە ئېنېرگىيىگە بولغان كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا مەجبۇر. ھازىر خىتاي، ئامېرىكىدىن قالسا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئىستىمال قىلغۇچى دۆلەت.

خىتاينىڭ Unocal غا باھا قويۇشى، ئامېرىكىدا دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ئەندىشە پەيدا قىلغاندىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتى مەخسۇس ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. بۇنىڭغا ئامېرىكا فېدېرال زاپاس فوندى كومىتېتىنىڭ رەئىسى گرىن سپەن ۋە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جون سنوۋ قاتارلىقلار قاتنىشىپ، ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدە ئىسپات بەردى.

يىغىندا گرىن سپەن، ئامېرىكىنىڭ ھازىر ئەركىن سودىغا يۈزلىنىۋاتقان بىر چوڭ كوممۇنىست دۆلىتى بىلەن سودىلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى تەكىتلىدى. مالىيە مىنىستىرى جون سنوۋ بولسا، ئىككىلا تەرەپنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە بويسۇنۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رىچارد: "بۇ بىر ئەركىن سودا بولمىدى. خىتاي پەقەت ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئېرىشمەكچى"

يىغىندا ئىسپات بەرگەن ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى رىچارد داماتو خىتاينىڭ Unocal نى سېتىۋېلىش تەكلىپىگە قارشى چىقىپ، "بۇ بىر ئەركىن سودا بولمىدى. بۇ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇشى" دەپ بىلدۈردى.

خىتاينىڭ تەكلىپى ئامېرىكىدا بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلغاندىن كېيىن، "خىتاي دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى"نىڭ باشلىقى فۇ چېڭيۈ جۈمە كۈنى ئالاھىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، Unocal شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق تەبىئىي گاز ۋە نېفىتلىرىنىڭ داۋاملىق ئامېرىكىدا سېتىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. ئەمما Unocal نىڭ 70٪ نېفىت ۋە تەبئىي گاز مەنبەلىرى جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا بولۇپ، فۇ چېڭيۈ بۇيەردىكى نېفىتلەرنىڭ قەيەرگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچنېمە دېمىگەن.

"شېۋرون" نىڭ بۇنىڭدىن ئۈستۈن باھا قويۇش نىيىتى يوق

كالىفورنىيھ شتاتىنىڭ ئېل-سېگۇندو دېگەن يېرىگە جايلاشقان Unocal نېفىت شىركىتى دەسلەپكى قەدەمدە "شېۋرون" نېفىت شىركىتىنىڭ 16 مىليارد 6 يۈز مىليون دوللارلىق باھاسىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلار يەنە خىتاي شىركىتى قويغان باھانىمۇ ئويلىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما "شېۋرون" نېفىت شىركىتى، ئۆزلىرى قويغان باھانى مۇۋاپىق دەپ قارايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭدىن ئۈستۈن باھا قويۇش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

نۆۋەتتە بىر قىسىم ئانالىزچىلار خىتاي بويىچە 3 - ئورۇندا تۇرىدىغان شۇنداقلا كۆلىمى ۋە دەسمايىسى جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ "شېۋرون" نېفىت شىركىتىدىن خېلىلا ئارقىدا تۇرىدىغان بۇ "خىتاي دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى" نىڭ بۇ باھانى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى قويىۋەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر "خىتاي دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى" نىڭ پاي چېكى باھاسى بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە ئىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.