تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى


2007.07.31

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تەكلىپى بويىچە تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى تېمىسىدا دوكلات بەرگەن.

بۇ دوكلاتقا تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئىشلەيدىغان ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ۋە بەزى پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشقان. در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ تەيۋەندىكى بىر يىللىق ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئالدىدا بەرگەن بۇ دوكلاتى بىر يېرىم سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان بولۇپ قاتتىق دىققەت - ئېتىبار قوزغىغان.

دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يىغىن ئەھلى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە در. ئەركىن ئەكرەمدىن نۇرغۇن سوئاللارنى سورىغان. بۇ دوكلات ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تەيۋەندىن تېخى يېڭىلا ئەنقەرەگە قايتىپ كەلگەن در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ در. ئەركىن ئەكرەم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.