'خىتاي ھاكىميىتى ئاستىدا 60 يىلدىن بۇيان زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار' كۆرگەزمىسى ۋاشىنگتوندا ئېچىلدى

12‏ - نويابىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا "خىتاي ھاكىميىتى ئاستىدا 60 يىلدىن بۇيان زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار" دېگەن تېمىدا سىياسىي كۆرگەزمە ئېچىلدى.

0:00 / 0:00

كۆرگەزمىگە ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، مەتبۇئات مۇخبىرلىرى شۇنىڭدەك ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتناشقان.

بۇ كۆرگەزمە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.