ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەقدىرى ليۇ شاۋبونىڭ تەقدىرىدىن ئېچىنىشلىق

يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى، خىتاي زىيالىيسى ليۇ شاۋبونىڭ 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك راي سىناش ئېلىپ بارغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2010-01-13
Share
Qaynam-Jappar-ependi-305.jpg ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻗﺎﻳﻨﺎﻡ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ 2007 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﺋﯩﻴﯘﻧﺪﺍ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يالغۇز غەرب زىيالىيلىرىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي زىيالىيلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ "خىتاي زىيالىيلىرى سۆز ئەركىنلىكى جىنايىتىگە ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرماقتا" ناملىق خەۋىرىدە، خىتايدا سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ بارغانسىرى قاتتىق قامال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
     
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" مۇناسىۋىتى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئارىسىدا ليۇ شاۋبوغا ئوخشايدىغان يۈزلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ پىكىر ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى سەۋەبى بىلەن ھازىر  تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نەچچە مىڭ كىشىگە يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى يەنە، دۇنيا جامائىتى ۋە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغىمۇ ليۇ شاۋبوغا كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت