شىنجاڭ ساقچى-ئەدلىيە مەكتىپىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ تۈپ سەۋەبى
2007.09.24
20-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى مەكتىپىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. گەرچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى بۇ ئۇچۇرنى قامال قىلسىمۇ، لېكىن بەرىبىر بۇ خەۋەر سىرتقا تارقىلىپ كەتتى.
ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ تەپسىلاتى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، ئەمما خوڭكوڭدىكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك ھەرىكىتى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا تايانغاندا، جېدەل ئىككى قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئاشخانىدا ئۇرۇشۇپ قېلىشىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، ئىككى مىللەتتىن بولغان مەزكۇر ئىككى قىز ئۇرۇشۇپ قالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئوغۇل دوستلىرى كېلىپ ئۇلارغا يان باسقان ھەمدە ئۇلار ئارىسىدىمۇ جېدەل كېلىپ چىقىپ، ئاخىرى بۇ كەڭ كۆلەمدىكى توقۇنۇشقا ئايلانغان.
توقۇنۇشتىن كېيىن، ساقچىلار بۇ ئىككى قىزنى ۋە ئۇلارنىڭ دوستلىرىنى تۇتۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئوغۇللارنى تېخىچە قويۇپ بەرمىگەن.
ۋەقە تاسادىپىي ئەمەس
"شىڭداۋ " گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، بۇ توقۇنۇشتا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كېلىپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. لېكىن، مەكتەپ دائىرىلىرى بۇنى ئىنكار قىلغان، ئەمما پەقەت يارىلانغانلارنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان شۇنىڭدەك ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى بۇ توقۇنۇشنىڭ ساقچى ئىشلىتىپ باستۇرۇش دەرىجىسىگە يەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، توقۇنۇش جەريانىدا ئىككى تەرەپتىن بەش يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى كالتەك، تۆمۈر قاتارلىق ھەر نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ ئۇرۇشقان بولۇپ، ب ب س ئاگېنتلىقى ئون نەچچە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ساقچى ئوفىتسېرلار ۋە ئەدلىيە خادىملىرىنى تەربىيىلەيدىغان بىردىن بىر ئورۇن بولۇپ ھېسابلىنىدىغان مەزكۇر مەكتەپتە يۈز بەرگەن خىتاي-ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇش تاسادىپىي ھادىسە ئەمەس.
ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدىكى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىدە ئىشلەۋاتقان دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبى قانداقتۇر بىر ئىككى ئادەمنىڭ جېدىلىدىن ئەمەس بەلكى، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە كۈچىيىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم سىياسىتى جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپ، ئىش ئورۇنلىرىدىن قىسقارتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىلا يەردە ئىككىنچى سورتقا ئايلاندۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا زىددىيەتلەرنىڭ پارتلاش دەرىجىسىگە يەتكەنلىكى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر.
قاھار بارات: " بوزەك قىلىش چېكىگە يەتكەندە قارشىلىق كېلىپ چىقىدۇ"
شىنجاڭ ساقچى ئەدلىيە مەكتىپىنىڭ تور بېتىدىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بۇ مەكتەپ ئەسلىدىكى ئەدلىيە مەكتىپى بىلەن ساقچى مەكتىپىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر مىللەتتىن تەركىپ تاپقان مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار ئىكەن. ئاساسلىق نىسبەتنى خىتايلار ،ئۇنىڭدىن قالسا ئۇيغۇرلار ئىگىلىگەن. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملاردا ئوقۇيدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا كۆپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نىسبىتىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى.
دوكتور قاھار باراتنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتە تۈرلۈك بېسىملارغا دۇچ كېلىدۇ. مەكتەپلەردە گەرچە مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىلىرى ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئوقۇغۇچىلار دائىم مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارغا كېلىپ تاماق يېگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تاماق يەتمەيدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە دىنىي ھەم مىللىي غورۇرىنى دەپسەندە قىلىدىغان ئىشلارمۇ دائىم يۈز بېرىپ تۇرماقتا.
ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىدا چوڭ كىچىك توقۇنۇشلار ۋە ئۆزارا نارازىلىقلار بۇرۇنمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، 1989-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەنزۇلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىدىغان ھاقارەت خاراكتېرلىق شوئارلار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە نامايىش قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
قاھار بارات ئەپەندىنىڭ پىكىرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ساقچى -ئەدلىيە مەكتىپىدە يۈز بەرگەن بۇ توقۇنۇش ئەمەلىيەتتە ئەشۇ 80-90-يىللاردا قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل نارازىلىقلارنىڭ داۋامى بولۇپ، بۇ ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى 50 يىل ئىچىدىكى ئەڭ قاتتىق قول باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى. قىسقىسى شارائىت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن ھەيدىلىش، جازالىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلىنىشى، ھەتتا جىسمانىي زەربىگە ئۇچراشتىن ئىبارەت تەقدىرنى تاللاشقا مەجبۇر قىلىپ، قوللىرىغا كالتەك -توقماق كۆتىرىپ ھەيۋە قىلىۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا قارشى تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. چۈنكى بوزەك قىلىش چېكىگە يەتكەن.
بۇ قېتىمقى ئىككى مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىغا توغرا كەلدى، ئەلۋەتتە، شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى، خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ جۈملىدىن ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچى ۋە باشقىلارنىڭ روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش ۋە ئەركىن دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- يوپۇرغىنىڭ ئېشەك بازىسىغا ئايلىنىشى يەرلىك دېھقانلارغا نېمە ئېلىپ كەلدى؟
- خىتاي دۆلىتى تېررورىزىمنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتامدۇ؟
- ۋاڭ لېچۇەننىڭ سۆزىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالتە سۇئال
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش بېشارىتىنى بەردى
- پاكىستاندىكى خىتاي ئىشچىلىرى نېمە ئۈچۈن ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ ؟
- كىم كىمنىڭ دۈشمىنى؟ (2)
- خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى
- ساقچىلار گۇاڭجۇنىڭ ياۋتەي بازىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى ئۇرۇپ تارقىتىۋەتتى
- ئىسمايىل سەمەت خىتاي ھۆكۆمىتى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى
- گۇاڭدوڭدا ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش
- خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشىدا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى ئاشماقتا
- گۇيلىندە ھەربىيلەر ئادەم ئۇرۇپ، مىڭلىغان پۇقرالارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى
- ئىچكى موڭغۇلدا 2000 دەك كەنت ئاھالىسى ساقچىلار بىلەن قاتتىق توقۇنۇشقان