تارىختىكى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ ئارمىيىسىدىن ھازىرقى خىتاي تارىخچىلىرى كۈچلۈك چىقىۋاتىدۇ


2007.05.21

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تور بېتىدە 5 ‏- ئاينىڭ 14 ‏- كۈنى بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا "شىنجاڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى. سىياسىي ئىشلار تەپسىراتى. ھۆكۈمەت قىسمى" نى رەسمىي نەشر قىلدۇرۇپ تارقاتقان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ تەزكىرىدە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60 ‏- يىللاردا خەن سۇلالىسى 'غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى' تەسىس قىلغاندىن تارتىپ 1995 ‏- يىلىغىچە بولغان ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئىزچىل ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى نەشر قىلدۇرغان بۇ "شىنجاڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى" دەپ ئاتالغان چوڭ ھەجىملىك بىر يۈرۈش تارىخىي كىتاب مەخسۇس ساھەلەر بۇيىچە يېزىپ چىقىلغان 79 پارچە تەزكىرە ۋە 102 پارچە ئوبلاست، ۋىلايەت، ناھىيە تەزكىرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يىگىرمە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ يازدۇرۇپ چىققان بۇ "شىنجاڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى" دەپ ئاتالغان چوڭ ھەجىملىك بىر يۈرۈش تارىخىي كىتابلارنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ -بېكىتىش ئىشى 2007 ‏- يىلى ئىچىدە تاماملىنىدىكەن.

ئىككى مىڭ يىللىق تارىخ جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۆزىگە خوجا بولغان دەۋرلەر مۇتلەق كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى نەشر قىلدۇرغان بۇ "شىنجاڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى" دەپ ئاتالغان چوڭ ھەجىملىك بىر يۈرۈش تارىخىي كىتاب ھەققىدە، تارىخشۇناس دوكتور قاھار بارات زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىككى مىڭ يىللىق تارىخ جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۆزىگە خوجا بولغان دەۋرلەر مۇتلەق كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇنقى خىتاي سۇلالىلىرى باشقا ئەللەرگە تاجاۋۇز قىلغان تارىخنى تەنقىدلىشى كېرەك ئىدى

تارىخشۇناس دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەگەر دېموكراتىك ھاكىمىيەت بولسا، بۇرۇنقى خىتاي سۇلالىلىرى باشقا ئەللەرگە تاجاۋۇز قىلغان تارىخنى تەنقىدلىشى كېرەك ئىكەن.

تارىختىكى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ ئارمىيىسىدىن ھازىرقى خىتاي تارىخچىلىرى كۈچلۈك چىقىۋاتىدۇ

ئامېرىكىدىكى جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي- تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى جايمىس مىلۋارد ئەپەندىمۇ "ياۋرو-ئاسىيالىقلارنىڭ داغدام يوللىرى" ناملىق كىتابىنىڭ باش قىسمىدا 'شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى' دېيىلگەن كۆز قاراشنى رەت قىلىپ "بۇ مەسىلىدە، تارىختىكى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ ئارمىيىسىدىن ھازىرقى خىتاي تارىخچىلىرى كۈچلۈك چىقىۋاتىدۇ" دەپ تەسۋىرلىگەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.