ئالماتادىكى فرانسىيە ئەلچىخانىسىدا رەسسام ئابدۇكېرىم ئايسانىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

4- نويابىر كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدىكى فرانسىيە ئەلچىخانىسىدا ئۇيغۇر رەسسامى ئابدۇكېرىم ئەيسانىڭ «يولۋاس يولى» ناملىق ماي بوياق رەسىملەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كۆرگەزمىگە رەسسامنىڭ 40 تىن ئارتۇق ماي بوياق ئەسىرى قويۇلغان.

رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ھەرقايسى ئەلچىخانىلار ۋەكىللىرى، قازاقىستاننىڭ تەسۋىرى سەنئەت ماھىرلىرى، ئاتاقلىق كىشىلەر ۋە ئۇيغۇرلار بولۇپ كۆپ ساندا ئادەم قاتناشتى.

ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسامى ئابدۇكېرىم ئەيسانىڭ ئەسىرى مۇشۇ يىل مارت ئېيىدا فرانسىيىنىڭ كان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسىدە "ئاق كۈمۈش رەڭدىكى يولۋاسلار قارا رەڭ ئىچىدە" ماۋزۇلۇق ئۈچ پارچە رەسىمىنى ئەۋەتكەنىدى. 32 دۆلەتتىن تاللانغان 200 دەك ئاتاقلىق رەسسامنىڭ 700 پارچە رەسىمى ئىچىدىن تالانلىق ئۇيغۇر رەسسامى ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئەسىرى مەخسۇس باھالىغۇچىلارنىڭ باھالىشى بىلەن بىردىن – بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئىدى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.