خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يازغۇچى ئابدۇللا جامالنى يازغان ئەسەرلىرى تۈپەيلى قولغا ئالغان


2005.06.14

بىز ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا، پوسكام نېفىت بازار 1- ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى بىر توپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ، مەكتەپ سىرتىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن توقۇنۇشقانلىقى سەۋەبىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، بۇ مەكتەپنىڭ بىر قانچە ئوقۇغۇچىسىنى ھەمدە ئابدۇللا جامال ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىنى " مىللىي بۆلگۈنچى" دېگەن نام بىلەن قولغا ئالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ پوسكامدىن ئىگىلىشىچە، پوسكام نېفىت بازار 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن "ئوقۇغۇچىلارغا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنى تەرغىپ قىلدى" دەپ قولغا ئېلىنغان ئابدۇللا جامال تالانتلىق بىر يازغۇچى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىق يازغان ئەسەرلىرى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان ئىكەن.

تالانتلىق يازغۇچى

پوسكام ساقچى تارماقلىرى تەرىپىدىن 4 - ئايدا قولغا ئېلىنغان يازغۇچى ئابدۇللا جامال، نېفىت بازار -1ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، پوسكامدىكى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئابدۇللا جامال يىگىرمە يىلدىن ئارتۇق خىزمەت تارىخىغا ئىگە، قىرىق ياشلاردىكى، تەجرىبىلىك، كەسپكە پىشقان ئوقۇتقۇچى ۋە تالانتلىق بىر يازغۇچى ئىكەن.

ئابدۇللا جامال تۇيۇقسىز قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ھېچكىم ئۇنىڭ ئىز دېرىكىنى ئالالمىغان. ئۇنى ھۆرمەتلىگەن ئوقۇغۇچى - ئوقۇتقۇچىلار، ھەم ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئىككى قىزى ئەندىشىدە قالغان. پوسكامدا بۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بىرى، بۇ يازغۇچىنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا ئېچىنىۋاتقانلىقى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى.

قولغا ئېلىنىشتىكى سەۋەب

جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئابدۇللانى قولغا ئېلىشتىن بۇرۇن، ئۇ " ئوقۇغۇچىلارغا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنى سىڭدۈرگەن" دېگەن باھانە بىلەن خىزمىتىدىن بوشۇتۇلغان. پوسكامدىكى بەزى كىشلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئابدۇللا جامالنى قولغا ئېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى " مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان ئەسەرلەرنى يازغان" دەپ قارىغانلىقىدا ئىكەن. پوسكامدىكى بىر كىشى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئابدۇللا جامالنىڭ تېخىچە ج خ ئىدارىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ يازغان رومانى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

سىياسىي بېسىم كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى ئاچۇرمايدۇ

بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئابدۇللا جامالنى پوسكام ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قولغا ئالغان. ئۇلار ئابدۇللانى ھازىرغا قەدەر سوراق قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇ ھازىرغىچە پوسكامدا ئىكەن. بىز پوسكام ناھىيىلىك ساقچى دائىرىلىرىدىن ئابدۇللا جامالنى سۈرۈشتۈردۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر كىشى دەسلەپتە ئابدۇللا جامالنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئاندىن بۇ ھەقتە ئاڭلىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۆكۈمەت ئابدۇللا جامال قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلىگەن، ئوخشاشلا ئەدەبىي ئىجادىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى مۇختار قادىرنى ۋەزىپىسىدىن توختىتىپ، مائارىپ ئىدارىسىغا يۆتكىگەن. بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن بىز مۇختەر قادىردىن ئابدۇللا جامالنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسىنىڭ ئۆزىگە قانداق تەسىرى بولغانلىقىنى سورىدۇق، ئەمما ئۇ زىيارىتىمىزدىن ناھايىتى ئوڭايسىزلاندى ۋە بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلىمىدى.

"مايبۇلاقتىكى پاجىئەلەر"

بەزى كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇللا جامال ناھايىتى قەلىمى كۈچلۈك، سەزگۈر يازغۇچى بولۇپ، ئۇ ئەسەرلىرىدە ھەمىشە رىئاللىقنى، خەلقنىڭ قايغۇسىنى ئۆزگىچە ئۇسلۇبلار بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بولغاچقا، ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە ھېرىس قىلىدىكەن. ئۇ قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن "مايبۇلاقتىكى پاجىئەلەر" ناملىق بىر روماننى نەشىر قىلماقچى بولۇپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىغا تاپشۇرغان ئىكەن.

ئابدۇللا جامال قولغا ئېلىنىشتىن سەل بۇرۇن، قەشقەر مارالبېشىلىق يازغۇچى نۇرمۇھەممەد ياسىنمۇ "ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسىرى تۈپەيلى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن " ئەسەرلىرىدە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنى تەرغىپ قىلغان" دەپ قولغا ئېلىنىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

ئابدۇللا جامالنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى، بۇ يېرىم يىل ئىچىدە 2- بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.