20 - ئەسىرنىڭ تۇنجى ئىسلاھاتچىسى ھەققىدە كىتاب ئالماتادا نەشر قىلىندى

يېقىندا ئالماتادىكى «مىر» نەشرىياتىدىن «20 - ئەسىردىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى. مەزكۇر كىتاب ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللەتپەرۋەر پەرزەندى، مەشھۇر مەرىپەتچى ۋە ئالىم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ 150 يىللىقىغا بېغىشلانغان.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئويغان
2012-11-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەشھۇر مەرىپەتچى ۋە ئالىم ئابدۇقادىر داموللا
مەشھۇر مەرىپەتچى ۋە ئالىم ئابدۇقادىر داموللا
Public Domain


بۇ ئابدۇقادىر داموللامدەك شەخسلەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا قازاقىستاندىمۇ شۆھرەت قازانغانلىقىنى ھەم خەلقنىڭ ئۇنى ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

«تۇران دۇنياسى» جەمئىيەتلىك فوندى تەرىپىدىن ھەم ئۇنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن نەشر قىلىنغان بۇ كىتابقا ئۇيغۇر ئېلى، قازاقىستان ۋە تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق زىيالىيلىرىنىڭ ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن. جۈملىدىن يالقۇن روزى، ئەبېن نۇرمانوف، خېۋىر تۆمۈر، رۇسلان ئارزىيېف، نۇرئەھمەت قۇربان قاتارلىق ئالىملار، ژۇرنالىستلار ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئىدېئولوگىيىسى تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى، مەزكۇر كىتابنىڭ توپلىغۇچىسى ھەم نەشرگە تەييارلىغۇچىسى رۇسلان ئارزىيېف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت