مەرھۇم دوكتور ئابدۇقادىر تاشنىڭ بىر پارچە ماقالىسى ھەققىدە


2007.06.14

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۆتكەن ئاتاقلىق زۇرنالىست، يازغۇچى، مۇتەپەككۇر مەرھۇم دوكتۇر ئابدۇقادىر تاش، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى بىر كۈنمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئەمەس. ئۇ "مۇسۇلمانلار" گېزىتىدە تەھرىرلىك قىلىش جەريانىدا، گېزىتتە ھەر ھەپتە دېگۈدەك ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماقالە ۋە خەۋەرلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي يېزىپ نەشر قىلىپ، ئەرەب ـ ئىسلام دۇنياسىدا قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئىزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تونۇلۇشىغا زور ھەسسە قوشقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى پائالىيەتلىرىگىمۇ شەخسەن قاتنىشىپ، پىكىر، مەسلىھەت بېرىپ تۇرغان.

مەرھۇم ئابدۇقادىر تاش بىزنىڭ ئۇستازىمىز بولۇش بىلەن بىللە، پۈتۈن ئىسلام ۋە ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئۇستازى ئىدى

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم مەرھۇم دوكتۇر ئابدۇقادىر تاش ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:" مەرھۇم ئابدۇقادىر تاش بىزنىڭ ئۇستازىمىز بولۇش بىلەن بىللە، پۈتۈن ئىسلام ۋە ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئۇستازى ئىدى. دۇنيا ئۇنى شۇنداق دەپ تونۇدى ۋە بىزمۇ شۇنداق تونۇيمىز. چۈنكى بۇ ئادەمنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغۋار خىزمەتلىرىنى بىزدىن ئاۋۋال ئىسلام دۇنياسى بىلدى ۋە ئۇنى قەدىرلىدى."

مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە :مەرھۇم دوكتۇر ئابدۇقادىر تاش 1992- يىلى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن "شەرقى تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى"غا قاتناشقان ۋە قۇرۇلتاي خەۋەرلىرىنى "مۇسۇلمانلار" گېزىتىدە ئېلان قىلىپ، قۇرۇلتايدىن پۈتۈن ئەرەب دۇنياسىنى خەۋەردار قىلغان ئىكەن. مۇھەممەد قاسىم ھاجىم دوكتۇر ئابدۇقادىر تاشنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە نەشر قىلىنغان "مۇسۇلمانلار" گېزىتىنىڭ -1992 يىلى- 25 ‏- دېكابىر كۈنى چىققان، ئومۇمىي- 412 سانىنى كۇتۇبخانىسىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭدىن دوكتۇر ئابدۇقادىر تاشنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان " يوقالمايدىغان ھەقىقەت " دېگەن تېمىدىكى ماقالىنى ئىخچاملاپ ئوقۇپ بەردى.

" يوقالمايدىغان ھەقىقەت " نىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەرھۇم دوكتۇر ئابدۇقادىر تاش مۇنداق دەپ يازغان ئىكەن: "ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقىم ئۈچۈن خۇشاللىق ھېس قىلىمەن. ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغان بۇ قۇرۇلتايدا، تۇنجى قېتىم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام جۇمھۇرىيەتلىرى، تۈركىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكىغا ئوخشاش ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بۇ يەرگە توپلاندى."

"بۇ قۇرۇلتاينىڭ نەتىجىلىرى، بولۇپمۇ ۋەكىللەرنىڭ ۋە ئۆمەكلەرنىڭ بىر - بىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تونۇشۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئەلھەمدۇلىللاھ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتلىك تارىخىي ۋەقەدۇر."

"ئۆز ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ داۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلاتماق ئۈچۈن، خارجى ئەللەردە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان تۈركىستانلىقلار بۇ قۇرۇلتايدا بىر يەرگە توپلىنىپ، ئاسارەت ئاستىدا تىركىشىۋاتقان، تۆمۈر پەردە ئارقىسىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئاۋازىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن غەيرەت كۆرسەتتى."

"بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئىككىنچى نەتىجىسى شۇكى، قۇرۇلتاي بۈيۈك بىر تەشۋىقات پۇرسىتى بولدى. تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى مەتبۇئات ئورگانلىرى ئالاھىدە قىزغىن مۇئامىلە قىلدى ۋە قوللىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقەتەن مەتبۇئاتقا زور ئېھتىياجى بار ئىدى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ بولىدۇ. تۈركىيە، ئەرەب، ئىسلام ۋە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ چەكلىك مۇئامىلىسى تۈپەيلىدىن دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇ قۇتلۇق داۋا ھەققىدە بەك ئاز چۈشەنچىگە ئىگە. بۇ قۇرۇلتايدا ئۇنتۇلغان شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن تۇنجى قەدەم تاشلاندى. مەن ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ۋە تېخىمۇ مۇستەھكەم قەدەم تاشلاپ بۇ داۋانى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن."

"بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئۈچىنچى نەتىجىسى شۇكى، قۇرۇلتاينىڭ ئۈچ كۈنلۇك خىزمەتلىرىدىن كېيىن، ئوتتۇرىغا چىققان خۇلاسىلىرىدۇر. ئۇنىڭ بىرى ئۆز ۋەتىنىنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە بىرلىككە كېلىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆرۈشۈپ بىرلىككە كېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى بولۇپ، يەنە بىرى تارىخىي ئەھمىيەتلىك قۇرۇلتاينىڭ ئورتاق خىتابنامىسى، قارارلىرى ۋە تەشەببۇسلىرىنىڭ بايان قىلىنىشىدۇر. بۇ بايانلارنىڭ ھازىرقى پەيتتىكى ھالدا چەكلىنىپ قالماستىن، كەلگۈسىدىكى ئىش ۋە پىكىرلەردە ئەمەلىيلەشمىكىدۇر. قۇرۇلتاي ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلىرى پائالىيەتلىرىنى ئورتاق ۋە بىرلىك نىزامى ئىچىدە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر مىللىي بىرلىك تەشكىلاتىنى قۇرۇش ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئەتراپلىق ئويلىشىپ بىر ئۆتكۈنچى مىللى كونگىرە قۇردى ۋە ئۆتكۈنچى نىزامنامە ماقۇللىدى. قۇرۇلتاي ئىشتىراكچىلىرى مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن، ئىككىنچى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشى ۋە كونگىرە سايلىمى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ يەنىمۇ جىددىي ۋە پائال ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن چاقىرىق قىلدى. مانا بۇلار قۇرۇلتاينىڭ ئۈمىد بېغىشلىغۇچى نەتىجىلىرىدۇر."

"بىر ئاۋاز بىلەن ئورتاق مەركەز ئاستىدا توپلانمىسا غەلىبىگە ئېرىشمەك مۇمكىن ئەمەستۇر"

"قۇتلۇق شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلار ئەگەر بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىق ئارقىلىق بىرلىشىپ، بىر ئاۋاز بىلەن ئورتاق مەركەز ئاستىدا توپلانمىسا غەلىبىگە ئېرىشمەك مۇمكىن ئەمەستۇر."

"شەرقىي تۈركىستان خەلقى زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراپ، بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشنى كۈتۈۋاتقان، ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتقان، قارشىسىدا كۈچلۈك بىر دۈشمەن تۇرغان بۈگۈنكى ئەھۋالدا، بەزى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تار چۈشەنچىلەردىن، شەخسى مەنپەئەتلىرىدىن، شۆھرەتپەرەسلىكتىن ۋە مەنسەپ تالاش - تارتىشلىرىدىن ۋاز كېچەلمەسلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسمۇ؟"

"بۈگۈنكى ئەھۋالدا، تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز ‏- ئارا غەۋغالىشىشى، ئايرىمچىلىق قىلىشى ھېچ ئىنساننىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ. بۇ ئىختىلاپ پەقەت دۈشمەنگە پايدىلىق بولۇپ، زىيان تارتىدىغىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بولۇپ قالىدۇ. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا توسالغۇ بولغۇچىلار چوقۇم جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئېغىر جازاغا ئۇچرايدۇ. تۇركىستانلىقلارنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق. ئاللاھ بۈيۈكتۇر. ئەينى زاماندا ھېچكىمنىڭ ئەقلىگە كەلمىگەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا مەيدانغا كەلگەن ھادىسىگە ئوخشاش ھادىسىلەرنى پەيدا قىلىشقا ئاللاھ قادىردۇر."(ئۆمەرجان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.