ئۇلۇغ ئەدىپ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرى قازاقىستاندا نەشىر قىلىندى

يېقىندا ئالماتادىكى مىر نەشرىياتى ئاتاقلىق ئەدىپ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلار توپلىمىنى كرىل يېزىقىدا نەشىر قىلدى. بۇ شېئىرلار توپلىمىنى دوكتور رۇسلان ئازىيوف نەشىرگە تەييارلىغان بولۇپ، كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشىغا قازاقىستاندىكى بىر قىسىم ساخاۋەتچىلەر ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچ چىقارغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ
2010-05-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ، ﻳﺎﺯﻏﯜﭼﻰ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﻬﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ، ﻳﺎﺯﻏﯜﭼﻰ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﻬﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA File

كىتابقا شائىرنىڭ بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلىرىدىن باشقا، شائىرنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلاپ يېزىلغان بىر قىسىم شېئىر ۋە نەسىرلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن. ئەسەر قازاقىستاندىكى كىتابخانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت