
20-ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي ھاياتىدا زور ۋەقەلەر يۈز بەردى. 1933-يىلى 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىردا غۇلجىدا تەسىس قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
3-ئاۋغۇست كۈنى قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدە ئەنە شۇ غۇلجىدا قۇرۇلۇپ، تاكى 1949-يىلىغىچە مەۋجۇت بولغان شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 91 يېشىدا ۋاپات بولدى.
سابىق باش كاتىپ ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىنىڭ يارقىن شاھىدىدۇر. چۈنكى، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇنىڭ قولىدىن چىققان ئىدى. ئۇ ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ يېقىن سەپدېشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ كىشىلىك خۇسۇسىيەتلىرى ، دۇنيا قارىشى شۇنىڭدەك سىياسىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى بىلگەن ئىدى.
ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ھايات ۋاقتىدا بىر قانچە قېتىم زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا ئائىت بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان (ئۈمىدۋار)