ئۆتكەن يىلى 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن "نېرۋىسىدىن ئاداشقان ئادەم" دەپ قارالغان ئابدۇخالىق مىجىت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر كىشى، ئۈرۈمچى 65 – ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىككى نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىسىنى ئۆلتۈرۈپ، يەنە ئۈچ نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچى ۋە بىر نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئابدۇخالىق مىجىتنى دەرھال ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نىمە سەۋەبتىن قاتىللىق قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان. مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى بىر بىرىگە زىت ھەم يالغان خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ، دېلونىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى يوشۇرۇپ كەلگەن.
قاتىلى ئېنىقلانمىغان ئۆلۈم
گېرمانىيىگە كەلگىنىگە بىر نەچچە كۈن بولغان، مەزكۇر دىلونىڭ ئەمەلىي جەريانىدىن يېتەرلىك خەۋىرى بولغان بىر خانىمنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئابدۇخالىق مىجىت ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر كىشىنىڭ قاتىللىق قىلىشىغا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئەرىز – شىكايىتىگە قۇلاق سالمىغانلىقى ۋە ئەكسىچە ئەرىز قىلىشنى توختاتمىسا تۈرمىگە قامايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىپ، بىر قانچە قېتىم ئۇنى ساقچىخانىغا قاماپ قويغانلىقى سەۋەپ بولغان.
ئابدۇخالىق مىجىت قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىدىن بولۇپ، ئىككى پەرزەنتىنى 10 يىلدىن بېرى ئۆزى ھەم ئانا ھەم دادا بولۇپ بېقىپ چوڭ قىلغان. ئۇنىڭ نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن 12 ياشلىق قىزى، ئەسلىدە خىتاي – ئۇيغۇر ئارىلىشىپ ئوقۇيدىغان 65 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ باشلانغۇچ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، 2005 – يىلى 12 – ئايدا، بۇ قىز "100 يۈئەن پۇل ئوغرىلىغان"، دېگەن ئەيىپ بىلەن ئوقۇتقۇچىسى تەرىپىدىن مەكتەپتە سازايى قىلىنغان. بۇ قىزنىڭ بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىغان 14 ياشلىق ئاكىسى، مەكتەپتىن يانغاندا "سەن مېنىڭ يۈزۈمنى تۆكتۈڭ" دەپ سىڭلىسىنى ئۇرغان. نەق مەيداندىكى باشقا ساۋاقداشلىرى ئاكىسىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ كەتكەن. ئەمما شۇ كۈنى كەچتە قىز ئۆلۈپ كەتكەن. قانۇن دوختۇرلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قىزنىڭ تاياق زەربىدىن ئەمەس، بەلكى باشقىلار تەرىپىدىن بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئابدۇخالىق مىجىت خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قىزىنىڭ قاتىلىنى تېپىپ جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، بارلىق قانۇن ئورگانلىرىغا ئەرز – شىكايەت قىلىشقا باشلىغان. بۇ چاغدا "قىزنى ئۇنىڭ ئاكىسى ئۆلتۈرگەن" دېگەن مىش - مىش گەپلەر ھەممە يەرگە تارقاپ كەتكەن.
ئابدۇخالىق مىجىت، ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە قانۇن دوختۇرىنىڭ دىئاگنوزى بىلەن نەق مەيداندىكى گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزىنى ئاساس قىلىپ، قىزىنى ئوغلىنىڭ ئۆلتۈرمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە باشقىلارنىڭ بوغۇپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ قاتىلنى چوقۇم جازالاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، بارلىق قانۇن ئورۇنلىرى ئابدۇخالىق مىجىتنى ئەقلىدىن ئازغان، دەپ ئەيىبلەپ، دىلو قوبۇل قىلىش تۈگۈل، ئۇنىڭ ئەرز – شىكايەتلىرىگە پەرۋامۇ قىلمىغان. قىزنىڭ جەسىتى بىر يىلغىچە توڭلىتىپ قويۇلغان. ئىسمىنى
12 – ئاينىڭ 19 – كۈنى، تەڭرىتاغ رايۇنلۇق ھۆكۈمەت ئابدۇخالىق مىجىتنىڭ ئەرز – شىكايەتلىرىنىڭ جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، رايۇنلۇق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ يىغىنىنى چاقىرغان.
"ساراڭ" ئاتالغان كىشى قاتىللىق قىلغاندا "ساق" سانىلىپ جازالانغان
بۇ يىغىنغا سوت، ئەدلىيە، تەپتىش، ئادۋۇكات، دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، دەپنە ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە ساقچىلاردىن باشقا، تەكلىپكە بىنائەن ئابدۇخالىق مىجىتمۇ قاتناشقان. يىغىندا ئابدۇخالىق مىجىتنىڭ شىكايەتلىرىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىگە قاتتىق تەسىر يەتكۈزىۋاتقانلىقى، جەمئىيەتتە بۇ ھەقتىكى غۇلغۇلىنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكى، بۇ دىلونى دەرھال ئۈزۈل – كېسىل ئاخىرلاشتۇرۇپ، توڭلىتىپ قويۇلغان قىزنىڭ جەسىتىنى يەرلىكىدە قويۇۋېتىش كېرەكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. ئەمما ئابدۇخالىق مىجىتنىڭ ئەرز – شىكايەتلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكى تىلغا ئېلىنمىغان ۋە ئابدۇخالىق مىجىتكە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلىش ھەققى بېرىلمىگەن. ئابدۇخالىق مىجىت قايتا – قايتا سۆز ھەققى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، رەددىيىگە ئۇچرىغان ۋە ئەكسىچە، ئەگەر ئابدۇخالىق مىجىت ئەرز – شىكايەتلىرىنى دەرھال توختاتمىسا، قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇشنى بەرگەن.
بۇ تەھدىتتىن غەزەپلەنگەن ئابدۇخالىق مىجىت يىغىننى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ۋە ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:30 دا قىڭراق كۆتۈرۈپ، يەنئەن يولىدىكى 65 – ئوتتۇرا مەكتەپ ئالدىدا ئۇچرىغانلىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى ئوقۇغۇچىنى نەق مەيداندا چېپىپ ئۆلتۈرگەن ۋە ئۈچ ئوقۇغۇچى بىلەن بىر ئوقۇتقۇچىنى يارىلاندۇرغان. پۈتۈن ھاياتى نامراتچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن، باشقىلارنىڭ خەيرى – ئىھسانلىرى بىلەن جان ساقلاپ ياشاۋاتقان، قىش كۈنلىرى مەشكە قالىغۇدەك كۆمۈرى يوق، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىشقا مەجبۇر قالغان بۇ ئادەم، شۇ كۈنى نەق مەيداندا قولغا ئېلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان. ئەرز – شىكايەت قىلىپ يۈرگەندە "ساراڭ" ئاتالغان ئابدۇخالىق مىجىت، قاتىللىق قىلغاندا "ساق" سانىلىپ، قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان.
ئەيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئوغلى "دادام ھەر نېمە بولسا خىتاينى ئۆلتۈرۈپتۇ" دېگەنلىكى ئۈچۈن ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە قاماقتا ئىكەن. (ئەكرەم)