ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى تۈركچىدە نەشىر قىلىندى (1)
2007.08.31

ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان ئىنايەت نەشىرگە تەييارلىغان، " ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە شېئىرلىرى" ناملىق كىتاب، ئەنقەرەدە نەشىردىن چىقتى.
بۇ كىتابتا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولغان داڭلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى، شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە شائىرنىڭ تۈرك دۇنياسى ئەدەبىياتىدىكى ئورنى قاتارلىق مەزمۇنلارغا يەر بېرىلگەن.
بۇلاردىن باشقا كىتابقا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يازغان 52 شېئىرىنىڭ ترانسكرىپسىيىسى ۋە تۈركچە تەرجىمىسى كىرگۈزۈلگەن . كىتاب تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تىل - تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، جەمئىي 214 بەتتىن تەركىپ تاپقان.
بىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ كىتابنى نەشىرگە تەييارلىغان ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنى زىيارەت قىلدۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ دوكتور ئالىمجان ئىنايەت بىلەن قىلغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياش يازغۇچى كۈرەش ئاتىخاننىڭ مائارىپنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى
- چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىگە ئەھمىيەت بەرمەكتە
- سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى ساقلاپ قېلىشتىكى قىيىنچىلىقلىرى
- ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى "قوش تىللىق مائارىپ" مەسىلىسىنى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى دەپ كۆرسەتتى
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن ئانا تىل كۇرسى رەسمى باشلاندى
- خىتايچە تىل-يېزىق 'دۇنيانى بويسۇندۇرىدىغان تىل-يېزىق' بولالامدۇ؟ (2)
- خىتايچە تىل-يېزىق 'دۇنيانى بويسۇندۇرىدىغان تىل-يېزىق' بولامدۇ؟ (1)
- تىل- مىللىي قەدىرىيىتىمىزنىڭ بەلگىسى
- قازاق مەكتەپلىرى تاقالماقتا
- دۇنيا ئۆسمۈرلىرى ئۇچرىشىش كۈنىگە ئۇيغۇر بالىلار قاتناشتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيىدە كوڭزى ئىنىستىتۇتى قۇرماقچى
- قازاقىستان يازغۇچىلىرىنىڭ 13 - قۇرۇلتىيى داغدۇغۇلۇق ئېچىلدى