ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى تۈركچىدە نەشىر قىلىندى (2)
2007.09.03
ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان ئىنايەت نەشرگە تەييارلىغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە شېئىرلىرى ناملىق كىتاب ئەنقەرەدە نەشردىن چىقتى.
بۇ كىتابتا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان داڭلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى، شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە شائىرنىڭ تۈرك دۇنياسى ئەدەبىياتىدىكى ئورنى قاتارلىق مەزمۇنلارغا يەر بېرىلگەن.
بۇلاردىن باشقا كىتابتا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يازغان 52 پارچە شېئىرنىڭ ترانسكرىپسىيىسى ۋە تۈركچە تەرجىمىسىگە يەر بېرىلگەن. كىتاب تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تىل - تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، جەمئىي 214 بەتتىن تەركىپ تاپقان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى نەشرگە تەييارلىغان ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان ئىنايەت بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىنى ئاڭلىغايسىلەر.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى تۈركچىدە نەشىر قىلىندى (1)
- بەختىگۇل خانىم دۇنيا ئايال قەلەمكەشلەر يىغىنىدا (2)
- قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق رەسسام ھاشىمجان قۇربانوفنىڭ ئىجادى ھاياتى توغرىسىدا
- بەختىگۇل خانىم دۇنيا ئايال قەلەمكەشلەر يىغىنىدا (1)
- ئاتاقلىق ئەدىپ، مەرھۇم مۆمىن ھەمرا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرلەندى
- دۇنيا ئۆسمۈرلىرى ئۇچرىشىش كۈنىگە ئۇيغۇر بالىلار قاتناشتى
- مەرھۇم دوكتور ئابدۇقادىر تاشنىڭ بىر پارچە ماقالىسى ھەققىدە
- قازاقىستان يازغۇچىلىرىنىڭ 13 - قۇرۇلتىيى داغدۇغۇلۇق ئېچىلدى
- شىۋىتسىيىدە، ئۈمىد يۇلتۇزى ناملىق مەدەنىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
- تىلشۇناس ۋە تۈركولوگ تۇغلۇقجان تالىپوف ھەققىدىكى مەلۇمات
- ياركەنتتە: ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇكېرىم غەنىيېۋنىڭ ھاياتى ئەسلەندى
- ئالما-ئاتادا، "ئۇيغۇر ئاۋازى" گېزىتىنىڭ 50 يىللىقى خاتىرىلەندى