ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئابىدىسى ئۈچۈن يۇپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ مۇراسىمدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش نۇتۇق سۆزلەپ، قولىدا ئەركىنلىك مەشئىلى تۇتقان ئەركىنلىك ئىلاھىنىڭ ئوبرازى بار بۇ ئابىدە پۈتۈن دۇنيا خەلقىغە، كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان يۈز مىليوندىن ئارتۇق خەلقنى ۋە كوممۇنست ھاكىمىيەتلىرىنى مەغلۇپ قىلىۋاتقان قۇدرەتلىك كۈچنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ بۇ مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتقىدىكى كوممۇنىست ھاكىمىيەتلىرىگە قارىتىلغان سۆزلەرگە، خىتاي ھۆكۈمىتى جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنى 'سوغۇقچىلىق ئۇرۇش پىكرىنى قايتىدىن قوزغىغانلىق'، 'باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق' دەپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە بۇ ھەقتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن جىددىي سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. ئۇ مۇلاھىزىسدە ۋاشىنگتوندا تىكلەنگەن بۇ ئابىدىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى ھەمدە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئابىدىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئويۇلغان تېكىستلەر
خەلق ئۆزلىرى توپلىغان مەبلەغ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە تىكلەنگەن كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئابىدىسىنىڭ بىر تەرىپىدە "كوممۇنىست ھاكىمىيەتلىرى ھاياتىدىن ئايرىغان يۈز مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە ۋە ئەركىنلىكنى قىزغىن سۆيىدىغان خەلققە بېغىشلاندى' دېگەن تېكىست بار. ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ' قۇل قىلىنىۋاتقان بارلىق دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقىغا بېغىشلاندى' دېگەن تېكىست بار.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇ ئابىدە ئۈچۈن يۇپۇق ئېچىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا 'سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كوممۇنىزم تۈزۈمى 20 مىليون ئادەمنى قىرغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە لېنىن بىۋاستە توپ قىرغىنچىلىق قىلغان ئادەم سانى يۈز مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى، ستالىن ئوكرائىنادا 6 مىليون ئادەمنى قىرىپ تاشلىغانلىقى، خىتايدا 60 مىليون ، ۋيېتنامدا 850 مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تارىخشۇناس دوكتور قاھار بارات ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، دۇنيادا تېخىچە يېقىتىلمىغان خىتايدەك كوممۇنىست ھاكىمىيەتلىرى، ھېلىمۇ داۋاملىق تۈردە خەلققە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
كوممۇنىست ھاكىمىيەتلىرى جىنايى قىلمىشلىرىنى ئۆزىنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە تايىنىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ
ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە تىكلەنگەن كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئابىدىسى ھەققىدىكى ئۇچۇر ھازىر خەلقئارادا بارغانسېرى كەڭ تارقالماقتا ۋە كوممۇنىست ھاكىمىيەتلىرىنىڭ خەلققە قىلغان زىيانكەشلىكىنى پاش قىلىدىغان ماقالىلەر، مۇلاھىزىلەر كۆپەيمەكتە.
بولۇپمۇ خەلقئارادا ھازىر، خىتاي، كۇبا، شىمالىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كوممۇنىست ھاكىمىيەتلىرى خەلقنىڭ ھاياتىغا زىيانكەشلىك قىلىش، مال-مۈلكىنى بۇلاشتەك جىنايى قىلمىشلىرىنى ئۆزىنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە تايىنىپ داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلايدىغان ماقالىلەر ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنماقتا. (ۋەلى)