ئامېرىكىدا كوممۇنىستىك تۇزۇم قۇربانلىرىغا خاتىرە ئابىدىسى تىكلەندى


2007.06.13

ABIDE-MUNAR--150.jpg
12 - ئىيۇن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى ئەسلەش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان خاتىرە ھەيكىلى The Victims of Communism Memorial in Washington, DC, a replica of the Goddess of Democracy statue erected by protesters in Tiananmen Square in 1989, is shown during the memorial's dedication 12 June 2007. THe memorial recognizes those who have died under communism since Russia's Bolshevik Revolution in 1917. AFP PHOTO/Karen BLEIER

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 12- ئىيۇن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى ئەسلەش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان خاتىرە ھەيكىلىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، كوممۇنىستلارنىڭ رېجىمى ئاستىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان مىليونلىغان بىگۇناھ كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە بۇ بىگۇناھ قۇربانلارنىڭ ئامېرىكا خەلقىغە " رەزىللىكنىڭ ھەقىقىي مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭغا چوقۇم تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى" ئەسلىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

12-ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى، ھەر خىل خاتىرە سارايلىرى، خاتىرە مۇنارلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ ھەيكەللىرى ئورنىتىلغان ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يەنە بىر خاتىرە - كوممۇنىزم تۈزۈمىدە زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئەسلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان خاتىرە ھەيكىلى ئورنىتىلدى. بۇ خاتىرە ھەيكىلىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە نۇتۇق سۆزلىدى.

مۇراسىمغا سابىق كوممۇنىست دۆلەتلىرىدىن كەلگەن زاتلار، كوممۇنىستلارنىڭ زىيانكەشلىكلىرىدىن ھايات قالغانلار، چەتئەل كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئەربابلىرى بولۇپ 0100غا يېقىن ئادەم قاتناشتى.

كوممۇنىزم تۈزۈمى 100 مىليون بىگۇناھ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان

بۇش سۆزىدە: "بۇ يەردە مەن، رەزىللىك بىلەن ئېلىشقۇچى ۋە شۇنداق ئىمپېرىيىلەرنى غۇلاتقۇچى ئەر-ئاياللار بىلەن بىرلىكتە، كوممۇنىزم تۈزۈمىنىڭ قۇربانلىرى خاتىرە ھەيكىلىنى ئامېرىكا خەلقىگە ۋاكالىتەن پەخىرلىك ھالدا قوبۇل قىلماقتىمەن" دېدى.

مەزكۇر خاتىرە ھەيكىلىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بۇش،20 - ئەسىرنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق بىر ئەسىر سۈپىتىدە ئەسكە ئېلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ رەھىمسىز ئەسىرنىڭ نۇرغۇنلىغان خاتىرە سارايلىرى ۋە ئابىدىلەر بىلەن خاتىرىلەنگەنلىكىنى، ئەمما كوممۇنىزم تۈزۈمى ئاستىدا ھاياتىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئەسلەپ ئۆتىدىغان بىر خاتىرە مۇنارىنىڭ بولماي كەلگەنلىكىنى تىلغان ئالدى ۋە " ھازىرغا قەدەر، دۆلىتىمىز ئاستانىسىدا ، ئەشۇ قەبىھ تۈزۈم يەنى، تەخمىنەن 100 مىليون بىگۇناھ ئەر-ئايال ۋە بىغۇبار بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان كوممۇنىزم تۈزۈمىنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەيدىغان ئابىدە بولماي كەلگەن ئىدى" دەيدۇ.

ئۇ يەنە، كوممۇنىستلارنىڭ قولىدا خاراپ بولغان جانلارنىڭ سانى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا ھەقىقى سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىشنىڭمۇ قىيىنلىقىنى كۆرسەتتى ۋە "ئەڭ ياخشى ئىلمىي مۆلچەرگە قارىغاندا كوممۇنىزم پەقەت خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىلا نەچە مىليون ئادەمنىڭ جېنىنى ئالغان، ۋە شىمالىي كورىيە ، كامبودژا، ئافرىقا، ئافغانىستان، ۋيېتنام ھەم شەرقىي ياۋروپادا يەنە نەچە مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان،" دېدى.

پرېزىدېنت بۇش يەنە، كوممۇنىزىمنىڭ ۋەھشى قولىدا نام-شەرەپسىز ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ سان-ساناقسىز ئىكەنلىكىنى، سوۋېتنىڭ سىبىرىيىدىكى جازا لاگىرلىرىدا، ئۇكرائىنىيىدە يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقتا ساناقسىز ئادەملەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، "ئۇلار يەنە، خىتايدىكى چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،" دېدى .

نۇرغۇن ئۇيغۇرلار كوممۇنىستلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان

كوممۇنىزم تۈزۈمى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا ساناپ تۈگەتكۈسىز بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان سىياسىي ھەرىكەتلىرى جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەردىن باشقا يەنە، پەيزىۋات ناھىيىسى ۋە باي ناھىيىسىدە بىر نەچە يېزا ئادەملىرى ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ قىرىلىپ كەتكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئېلىگە 1949 - يىلىنىڭ ئاخىرى خىتاي كوممۇنىستلىرى كىرگەندىن بۇيان ھەرخىل سىياسى ھەرىكەت ناملىرى ئاستىدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئادەملەرنىڭ بىر مىليون ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن "قاراجۆلدىكى جەڭ ناملىق" تارىخىي كىتابنىڭ ئاپتورى، شىۋېتسىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا كوممۇنىستىك تۈزۈمنىڭ زەربىسىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار، ئۇيغۇر ئەربابلىرىنىڭ مەلۇماتلىرى ۋە ئەينى دەۋردىكى تارىخىي پاكىتلارنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلغان 1949-يىلىدىن تارتىپ، تاكى ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەرخىل سىياسىي ھەرىكەتلىرىدە، باستۇرۇشلىرىدا ۋە پەيدا قىلغان ئاچارچىلىق ئاپەتلىرىدە بىگۇناھ ئۆلۈپ كەتكەن ھەم تۈرلۈك شەكىلدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئادەملەرنىڭ سانىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۆز ياشلىقىنىڭ نەۋقىران پەيتلىرىنى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆتكۈزگەن شەۋكەت ئېلى ئەپەندى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى بىرخىل سىستېمىلىق يوسۇندا ئېلىپ بارغانلىقىنى بۇ خىل زىيانكەشلىكنىڭ ھېلى ھەم يەنە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇش "بۇ ھەيكەل بىزگە كوممۇنىزم تۈزۈمىدە ئۆلگەن قۇربانلارنى ئەسلىتىدۇ"

بۇ خاتىرە ھەيكىلىنى تىكلەشتىكى مەقسەتنىڭ، كوممۇنىزم تۈزۈمىنىڭ قانلىق قولىدا نام-نىشانسىز ھالاك بولۇپ تارىخ بېتىدىن مەڭگۈ ئۆچۈپ كەتكەن ئىنسانلارنى تارىخقا قايتا تاپشۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ بۇش يەنە، "بىز ئەشۇ ھالاك بولغانلارنىڭ نام-شەرىپىنى بىلىپ كېتەلمىسەكمۇ، ئەما مانا بۇ مۇقەددەس جايدا، كوممۇنىزىمنىڭ تونۇلمىغان قۇربانلىرى تارىخقا تەقدىم قىلىنىپ مەڭگۈ ياد ئېتىلىدۇ" دېدى.

يىغىندا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى چەتئەل مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم لەنتوس ئەپەندىمۇ سۆزگە چىققان بولۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ ناتسىزم ، كوممۇنىزم ۋە تېررورىزمغا قارشى جەڭ قىلىشقا مۇيەسسەر بولالىغانلىقىدىن شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خاتىرە ھەيكىلىنى ئورنىتىش قۇرۇلۇشى 14 يىلنىڭ ئالدىدا باشلانغان بولۇپ 2007- يىلى 12 ئىيۇن تاماملىنىپ خەلققە سۇنۇلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، قولىدا ئەركىنلىك مەش' ئىلى كۆتۈرگەن بۇ ھەيكەل 1989- يىلىدىكى بېيجىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە، نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار تيەنئەنمېن مەيدانىغا تىكلىگەن " دېموكراتىيە ئىلاھى" نىڭ ئوبرازىغا تەقلىد قىلىنغان بولغاچقا خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇ "خىتاينىڭ يۈزىنى تۆكىدۇ" دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

بۇش بۇ ھەيكەلنى " ئۇ، بىزگە كوممۇنىزم تۈزۈمىدە ئۆلگەن قۇربانلارنى ئەسلىتىپلا قالماي، بەلكى يەنە كوممۇنىزم ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن كۈچنىمۇ ئەسلىتىدۇ" دەپ باھالىدى.(جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.