رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئوغلىنىڭ سالامەتلىكى ئائىلىسىدىكىلەردە ئەندىشە قوزغىدى


2007.12.12

rabiye-amnesty-150.jpg
ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ سۈرگۈندىكى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى 2 - ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاشقان بولۇپ، بۇ رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتى ئىچىدە ئەندىشە قوزغىماقتا. AFP Photo

ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ سۈرگۈندىكى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى 2 - ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاشقان بولۇپ، بۇ رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتى ئىچىدە ئەندىشە قوزغىماقتا. رابىيە قادىر خانىم، ئەگەر دائىرىلەر ئوغلىنى تېز داۋالاتمىسا ئۇنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. لېكىن ئابلىكىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ پەرۋايى پەلەكتەك قىلاتتى. ئابلىكىمنىڭ ئامېرىكىدىكى ئاچىسى، بۇش ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ئىنىسىنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا چاقىردى.

ئابلىكىم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بەزىلىرىنى تونىمىدى

ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا مەسىلە بارلىقىنى، ئۇنىڭ دادىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر يېقىندا ئابلىكىمنى "باجياخۇ تۈرمىسى" گە يوقلاپ چىققاندا بايقىغان بولۇپ، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئابلىكىمنى 2006 - يىلى " دۆلەتنى پارچىلاش " جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان ھەمدە 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئائىلە تاۋاباتى بىلەن ئۇچراشتۇرۇشى ئىدى.

ئابلىكىمنىڭ ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئاچىسى راھىلە خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئابلىكىم 6 - دېكابىر كۈنى ئۇنى باجياخۇدىكى تۈرمىگە يوقلاپ بارغان بەزى ئائىلە ئەزالىرىنى تونۇمىغان شۇنداقلا ئۆزىنىڭ 2 قېتىم ھۇشىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى ئېيتقان. راھىلە خانىم، ئائىلىسىدىكىلەر ئاكىسى بىلەن ئۇچراشقان تەخمىنەن 15 مىنۇت جەريانىدا ئابلىكىمنىڭ كېسەل چىراي، ئاجىز ھەم "خۇماگۇدۇڭ" ھالىتىنى كۆرۈپ، كۆز يېشىنى تۇتالمىغانلىقىنى، بولۇپمۇ تۈرمىدىكى يەنە بىر ئىنىسى ئالىمنىڭ ئىپار ئىسىملىك قىزىنى تونۇمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزلىرىنى تۇتالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابلىكىم تەن جازاسىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، ئابلىكىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرسە، تۈرمە ساقچىسى ئۇنىڭ يۈرىكى ئاجىز ئىكەنلىكىنى، ئەگەر دائىرىلەر بىلەن "ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلسا" ۋە " جىنايىتىنى تونۇمىسا" ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى تېخىمۇ يامانلاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى باياناتىدا " بىز ئابلىكىم دائىرىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغانلىقى تۈپەيلى تەن جازاسى ۋە سالامەتلىكىگە پەرۋاسىز قاراشتەك يامان مۇئامىلىگە ئۇچرىغان، دەپ قارايمىز " دېدى.

خىتاي دائىرىلىرى مەھبۇسلار ئەھدىنامىسىغا خىلاپلىق قىلدى

ھازىر شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ب د ت نىڭ ئەيدىز پروگراممىسى ۋە خەلقئارا ئەمگەك ئىتتىپاقىدىكى خادىملار بىلەن ئۇيغۇرلاردا ئەيدىز، ھاشار ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش مەسىلىسىدە ھەمسۆھبەت بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئابلىكىمنى تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى ۋە ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى ھەم 2 قېتىم ھوشىنى يوقىتىپ قويۇش ۋەقەسىگە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئابلىكىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدىكى باياناتىدا، خىتاي تۈرمە دائىرىلىرىنى ب د ت نىڭ مەھبۇسلار ئەھدىنامىسىغا خىلاپ ھەرىكەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ب د ت ئەھدىنامىسىنىڭ مەھبۇسلارغا مۇئامىلە قىلىش ئۆلچىمىدىكى "ئالاھىدە كۈتۈلۈشنى تەلەپ قىلغۇچى كېسەلمەن مەھبۇسلارنى ئالاھىدە ئورۇن ياكى خەلق دوختۇرخانىلىرىغا يۆتكەش كېرەك " دېگەن ماددىسىنى خاتىرىلەتتى.

باجياخۇ تۈرمىسى ئۆز ۋاقتىدا رابىيە قادىر خانىم قولغا ئېلىنغاندا ياتقان تۈرمىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ ئوغلى بۇ تۈرمىدە ياتماقتا ئىدى. بىز باجياخۇ تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىنكاسىنى ئىگىلەش مەقسىتىدە باجياخۇ تۈرمە دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، غەرق مەسلىكى چىقىپ تۇرىدىغان بىر ساقچى بىزنى ھاراق ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى، لېكىن ئابلىكىم ھەققىدىكى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئابلىكىم ئابدۇرېھىم، 2006 - يىلى 6 - ئايدا ئۈرۈمچىنىڭ ئۇلانباي يولىدا ئىنىسى ئالىم ئابدۇرېھىم بىلەن بىرگە قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، بۇ يىل 4 - ئايدا خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن "بۆلگۈنچىلىك"جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئاز كەم 10 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان.

بۇش:"ئابلىكىمنى قولغا ئالغانلىقى ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى"

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپلا قالماي، پرېزىدېنت بۇشنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. بولۇپمۇ ئۇ، بۇ يىل يازدا چېخ پايتەختى پراگادىكى بىر خەلقئارا يىغىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارنى قولغا ئالغانلىقى "رابىيە قادىرنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىدىن ۋاز كەچكۈزۈشكە قارىتىلغان" ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئابلىكىمنىڭ ئامېرىكىدىكى ئاچىسى راھىلە خانىم، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى، ئىنىسىنىڭ مەسىلىسىگە پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئۆزى ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئابلىكىمگە كېسىم ئېلان قىلغان چاغدا بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، "سوت جەريانىدا ئابلىكىمنىڭ قانۇنى ھوقۇقى قوغدالغانلىقىنى، سوت ۋاقتى ۋە سوت ئورنىنىڭ ئۈچ كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇلغانلىقىنى شۇنداقلا ئابلىكىمنىڭ سوت جەريانىدا ئۆز جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن رابىيە قادىر ئائىلىسى، ئابلىكىمنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى، سوت كۈنى ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىنمىغانلىقىنى شۇنداقلا ئابلىكىمنىڭ ئىقرارى تەن جازاسى ئاستىدا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.