ئامېرىكا ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ خىتاينى تەنقىدلىدى

0:00 / 0:00

6 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۇنيا خاراكتېرلىق ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي، ئىران، سۈرىيە، ۋە جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق 12 دۆلەتنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

خىتايدىكى مەسىلە ئېغىر

مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا، خىتايدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسىنىڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ مەنبەسىگە ئايلانغانلىقى ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 2006 ‏- يىلىدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسى ھەققىدىكى بۇ دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا، كۆپلىگەن ئەمەلىي مىساللارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق " خىتايدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا ئېغىر بولۇشى، خىتاينىڭ بىر بالىلىق سىياسىتى ۋە خىتايدىكى بىر قىسىم رايونلارنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى نامراتلىقىدىن كېلىپ چىققان " دەپ كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، خىتاي پاھىشىلىرىنىڭ تەيۋەن، تايلاند، مالايسىيا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جىنسىي مۇلازىمەت سورۇنلىرىغا مەركەزلەشكەنلىكى ھەمدە خىتاي دائىرلىرىنىڭ بۇ ھەقتە جىددىي چارە - تەدبىر ئېلىپ بارمىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

دۇنيادا يىلىغا 8 مىليون كىشى ئەتكەسچىلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايس مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسىنىڭ پەقەت كىشىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى مەسىلىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا بىخەتەرلىكىگە زور تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھازىر دۇنيادا ھەر يىلى ئاز دېگەندە 8 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:

"ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيادىكى ئامالسىز قالغان ئاجىز ئىنسانلارنى زامانىۋىي قۇللۇق ئەمگىكىگە ۋە پاھىشىلىككە مەجبۇرلايدىغان بولمىغۇر قىلمىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىزنىڭ پەرىزىمىزچە، ھازىر دۇنيادا ھەر يىلى 8 مىليوندىن ئارتۇق ئاياللار ۋە بالىلار ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا ". ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا خانىم سۆزىدە يەنە ھازىر ئامېرىكىنىڭمۇ ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى لېكىن پرېزىدېنت بۇش رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكا خەلقنىڭ تىنچلىق ۋە ئادالەت يولىدا، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:

"بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، ئامېرىكىمۇ ھازىر ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلارنىڭ نىشانىغا ئايلانماقتا. شۇڭا بىز بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چارە ‏-تەدبىرلەرنى كۈچەيتىۋاتىمىز. بىز ئامېرىكا تۇپرىقىدا مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ۋە ياكى كىچىك بالا بولسۇن ھېچقانداق بىر ئىنساننىڭ ئۆز ياشاش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى خالىمايمىز. ئامېرىكا ئۈچۈن ئىنسان غورۇرىنى قوغداش ئادالەتنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. بىز پرېزىدېنت بۇشنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ زور تىنچلىق ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز ". (مېھرىبان)