ئۇيغۇر بالىلىرى ئالدىنىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوغرىلىققا سېلىنماقتا (1)


2004.10.07

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ئېلان قىلىنىشغا قارىغاندا، بەزى كىشلەرنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئاپىرىپ ئۇلارنى ئوغرىلىق ۋە بۇلاڭچىلىققا سېلىشقا ئوخشاش جىنايى ھەركەتلىرى، خىتاينىڭ ھەممە جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولماقتا، بۇ خىل جىنايى قىلمىشنىڭ بۈگۈنكىدەك كۆپ كۆرىلىۋاتقان، بىر ئېغىر جەمىيەت مەسىلىسىگە ئايلىنىشىغا نىمىلەر سەۋەپ بولىۋاتىدۇ ؟

ئىلگىرى رادىئومىزغا تېلىفون قىلغان بەزى ئۇيغۇرلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە خىزمەت ياكى ساياھەت ئۈچۈن بارغىنىدا، ئاپتوۋۇزلاردا، ئادەم جىق بازار ياكى سودا سارايلاردا 10 ياشلار ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆتكەن كەچكەنلەرنىڭ سومكىلىرىغا، يانچۇقلىرىغا قول سېلىۋاتقانلىقىنى ھەتتا بەزىلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك سېتىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارنى ناھايىتى كۆپ ئۇچراتقانلىقىنى ۋە بۇ نارسىدە بالىلارنىڭ كىچىك تۇرۇپ جىنايەت يولىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئېچىنغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

يەنە بەزى ئۇيغۇرلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە خىزمەت ياكى باشقا ئىشلار بىلەن بارغاندا ئۇ جايدا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن ھامان، ئۇيغۇر دىگەن ئوغرى، بۇلاڭچى، كاۋاپچى دەپ يامان كۆزدە قاراپ خورلۇققا ئۇچرىغانلىقىدەك ئەھۋاللارنىمۇ مەلۇم قىلغان ئىدى.

خىتاي ساقچىلىرى يەنە بىر تۈركۈم ئالداپ كېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە قايتۇرۇپ بەردى

7 - ئۆكتەبىر پەيشەنبە تەڭرىتاغ تور بېتىدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گۇيياڭ ساقچى دائىرىلىرى، گۇيياڭ شەھرىدە 13ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر بالىنى ئوغرىلىق قىلىۋاتقاندا تۇتىۋالغان.

بۇ ئۇيغۇربالا ئىككى يىل بۇرۇن ئېلىدىن ئالداپ كېلىنگەن بولۇپ، ئۇ بەرگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن بىر ئۆيدىن يەنە تۇرغۇن نىياز قاتارلىق 17ئادەمنى قولغا ئالغان.

ئېنىقلىنىشىچە بۇ 17ئادەمنىڭ 5شى تېخى قورامىغا يەتمىگەن ئۆسمۈر بالىلار، ۋە تۆتى قىز بالا ھەمدە يەنە سەككىزى چوڭ ئادەم بولۇپ، قورامىغا يەتمىگەن بۇ 5 بالىنى تۇرغۇن نىياز ئىسىملىك جىنايەت گۇماندارى ئۇيغۇر ئېلىدىن گۇيياڭغا ئالداپ ئېلىپ كېلىنىپ يانچۇقچىلىق ۋە ئوغرۇلۇققا ئۈگەتكەن ئىكەن.

تۇرغۇن نىياز بۇ شەھەردە كاۋاپچىلىق قىلىپ ئاستىرتىن ئالداپ كەلگەن بالىلارنى كوچىغا چىقىپ ئوغرىلىق قىلىشقا مەجبۇرلىغان ۋە ھەر بىر بالىنىڭ كۈنىگە كام دىگەندە 300يۇئەن تېپىشىنى ۋەزىپە قىلغان. ئەگەر بالىلار بۇنى ئورۇنلىيالمىسا ئۇلارغا تاماق بەرمەي ئۇرۇپ قىينىغان.

خەۋەردە دىيىلىشىچە نۆۋەتتە نىياز بىلەن تەڭ تۇتۇلغان بۇ بالىلار ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋېپسىزلىك ئورنىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

بىز مەزكۈر ئۇچۇردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ساقچى دائىرىلىرىدىن تۇتۇلغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق. ئەمما ئۇيغۇر ساقچى دائىرىلىرى " تۈزۈم بويىچە چەتئەل ئاخبارات ئورۇنلىرىغا ئۇچۇر بەرمەيمىز" دەپ زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.

بىز يەنە مەزكۈر دېلونى ئېنىقلىغان گۇيياڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋېپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ رازۋېتكا ئەترىتىگە تېلىفون قىلدۇق. بىر خىتاي ساقچى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى :

خىتاي ئۆلكىلىرىدە بۇنىڭغا ئوخشاش ئالدانغان بالىلار نۇرغۇن

بىز ئۇنىڭدىن گۇيياڭدا قولغا ئېلىنغان بۇ ئۇيغۇر بالىلار جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلامدۇ دەپ سورىدۇق، ئۇ خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە بۇ دېلودا جىنايى جاۋاپكارلىقنىڭ ھەممىسى، قورامىغا يەتمىگەن بۇ نارسىدە بالىلارنى جىنايەت يولىغا باشلىغان كىشىگە ئارتىلىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر ساقچى دائىرلىرى بالىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىنىڭ قوينىغا قايتۇرۇشقا باشلىدى. دىدى.

بىز يەنە ئۇنىڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىپ مۇشۇنداق يانچۇقچىلىق ئوغرىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولامدۇ ؟دەپ سورىدۇق،

ئۇ گۇيياڭدا خېلە جىق بىراق مەمكلىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە بار. 14، 15ياشلاردىكى بالىلار جىقراق ھەتتا 10ياشقا يەتمەيدىغانلىرىمۇ بار. دىدى.

بىز يەنە ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن قورامىغا يەتمىگەن ئۇيغۇر بالىلارنى ئىچكىر ئۆلكىلەرگە ئاداپ ئەكىلىپ ئوغرىلىقلارغا سالىدىغان بۇنداق جىنايى قىلمىش شۇنچە ئېغىر بولىدۇ، خىتاي جاممائەت خەۋېپسىزلىك تارماقلىرى بۇنى تىزگىنلەشكە ئامالى يوقمۇ دەپ سورىدۇق ؟

ئۇ ئويلانغان ھالدا، "بۇ مەسىلە شىنجاڭ ساقچى دائىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى بىز ئۇلارنى تۇتقىنىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي تىلى بىلمىگەندىن كېيىن، ھەر جايلاردا تۇتۇلغان بۇنداق بالىلار ياكى ئادەم بېدىكلىرى ئاساسەن يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار دائىم سوراق جەريانىدا ئۆلىۋېلىشقا ئۇرۇنىدىغان ۋەقەلەر كۆپ كۈرۈلدى، ئىگەللىشىمىزچە بۇ بالىلارنى ئوغرىلىققا سالغان جىنايەت گۇماندارلىرى ئۇلارغا ساقچى تۇتىۋالسا گەپ بىلمەيمەن دەڭلار، قىستىسا ئۆلىۋالىمەن دەپ قورقۇتۇڭلار ئاندىن سىلەرنى قويۇپ بېرىدۇ دەپ ئۈگىتىدىكەن. بۇنداق ئەھۋال بولغان بىزمۇ بەزى بالىلارنى تۇتىۋالغان بولساقمۇ ئامالسىز ئۇلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ قويۇپ بەرگەن. بىرا ق مېنىڭچە گۇيياڭدا ياكى باشقا شەھەرلەردە بولسۇن، سىرتتىن كېلىپ يانچۇقچىلىق ئوغرۇلۇق قىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايى باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئادەملەردىن پەرقلىق بولغاچقىلا ئۇلار بەك كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ" دىدى.

خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئالدىنىپ ئوغۇرلۇق قىلىشىگە ئۇلارنىڭ نامراتلىقى ھەم بىلىمسىزلىكى سەۋەپ بولغان

بىز يەنە ئۇنىڭدىن سىلەرچە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مۇشۇنداق ئادەم بېدىكلىرى ياكى ئوغرىلىققا سالىدىغان جىنايەتچىلەرگە ئالدىنىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە چىقىشىغا نىمە سەۋەپ بولغان؟ دەپ سورىدۇق.

ساقچى بۇ سوئالىمىزغا ئەتراپلىق جاۋاپ بېرىپ : "مېنىڭچە ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلەرگە چىقىپ بۇنداق جىنايەت يوللىرى ئارقىلىق جان بېقىشىغا ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقى يەنە بىر تەرەپتىن بىلىم سەۋېيىسىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقى ئاساسىي سەۋەپ بولغان. ئۆز يۇرتلىرىدا ناھايىتى نامرات يول تاپالمىغان كىشىلەر كۆپۈنچە باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ جان بېقىش يولى ئىزدەيدۇ- غۇ، ئۇلارمۇ شۇنداق" دىدى.

بۇ ساقچى يەنە سۆھبىتىمىز جەريانىدا خىتاينىڭ ھەممە جايلىرىدا بالىلارنى ئالداپ ئاپىرىپ يانچۇقچىلىققا سالىدىغان ئىشلار كۆپ بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار چىراي ۋە باشقا جەھەتتە پەرقلىق بولغاچقا بەكمۇ كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان، بەلكىم مۇشۇ ئامىل ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرگەن بولىشى مۈمكىن. دىگەن قاراشلىرىنى ئېيتتى.

ئىگەللەشكە قارىغاندىمۇ ئۇيغۇر ئۆسمۈر- بالىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىپ سېتىۋېتىدىغان، ھەمدە مۇشۇنداق يانچۇقچىلىق ئوغرىلىقلارغا سالىدىغان جىنايى ھەركەتلەر خېلە دەرىجىدە ئېغىر بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەپ نەتىجىلىرى ھەققىدە پىكىرلەر يۈرگۈزمەكتە، (داۋامى بار) (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.