ئۇيغۇر بالىلىرى ئالدىنىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوغرىلىققا سېلىنماقتا (2)


2004.10.11

رادىئومىزغا ئۇيغۇر جەمىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە ئىنكاس قىلغۇچىلار، بەزى قارا نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلارنى ، ناتونۇش خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئاپىرىپ ، ئوغرىلىققا سېلىشنى پۇل تاپىدىغان كەسىپ قىلىۋالغانلىقى ، شۇنداقلا بۇ خىل كىشىلەر دائىرىسدە پەيدا بولغان قارا جەمىيەتكە ھەتتا يەرلىك ساقچىلارنىڭمۇ شېرىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان ئىدى ، يەنە بەزىلەر ئۇيغۇرلاردا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بالىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئاپىرىپ ، ئوغرىلىققا سېلىپ، ئۇلارنىمۇ زەھەرلىك چېكىملىككە ئۈگۈتۈش ئارقىلىق ، كونتۇرۇل قىلىۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق بىر جەمىيەت ھادىسىسىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى .

ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە ئۈگۈنۈپ قېلىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپ كۆرىلىش سەۋەبى ھەققىدە ، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىكى بىر ساقچى زيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ، ئۆسمۈر بالىلاردا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشىنىڭمۇ مەزكۈر مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالغان ئىدى:

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا نۆۋەتتە 10 ياشتىن 15، 16 ياشلارغىچە بولغان، كوچىلاردا ئوغرىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىنى خىتاينىڭ بېيجىڭ ، شاڭخەي ، گۇاڭجۇ دىگەندەك چوڭ شەھەرلىرىدە كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن، بۇ ئۇيغۇر بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن ئوغرىلىق گۇرۇپىلىرىنىڭ كاتتى باشلىرىغا سېتىۋېتىلگەن بولسا، كۆپ ساندىكىسى شۇ كاتتى باشلار ئۆزلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئالداپ كەلگەن بالىلار بولۇپ ، كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قىلىدىغىنى ، نارسىدە بالىلارنى ئالداپ جىنايەت يولىغا باشلاش ئارقىلىق پۇل تېپىۋاتقانلارنىڭ كۆپ ساندىكىسىمۇ ئۇيغۇرلار ئىكەن .

گەرچە بۇ مەسىلە خىتايدىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭمۇ دېققىتىنى قوزغىغان بولسىمۇ نىمىشقىدۇر، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر بالىلىرى دۋاملىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالدىنىپ بېرىپ، ئۇ جايلاردا روھىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىماقتا ئىكەن . بۇنىڭ سەۋەبى نىمە ؟ بەلكىم رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلىفون لېنىيىسىگە ئىلگىرى تېلىفون ئۇلىغان بۇ ياشنىڭ ئېيتقانلىرىدىن جاۋاپ تاپالايمىز :

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالدىنىپ ئاپىرىلىپ ،ئوغرىلىققا ئۈگۈتۈلىشىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىمۇ ئەندىشىگە سالغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى ، پەقەت قانۇنىي ياكى بىر ئىجدىمائى مەسىلە بولۇپلا قالماستىن ،بەلكى ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىىسادى ۋە سىياسى ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر مەسىلە دەپ قارىماقتا . ئامېركىدا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر بۇ ھەقتە ئۆز مۇلاھىزىسىنى مۇنداق ئوتتۇرغا قويدى:

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.